ئانامغا تەقدىم
نەسىر
ئانىجانىم ،باھار ھىدى دىماقلارنى ئەسىر قىلىپ،يۈرەكلەرنى لەرزىگە كەلتۈرگەن مۇشۇ دەملەردە مەۋلۇت كۈنۈڭنى كۈتۋالدۇق،سەن ئۆيىمىزنىڭ يۈرىكى، ھۆسنى گۈل -تاجى سەن ئانا. سېنىڭ بېسىپ ئۆتكەن يېرىم ئەسرلىك ھايات مۇساپەڭنى ئاددى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزمەن، قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ساڭا بېغشلانغان ،ساڭا ئاتاپ ئوقۇلغان مەدھىيە كۈيلىرى، سېنىڭ شەنىڭگە ئاتاپ يېزىلغان شېئر داستانلارنىڭ تۈگەپ قالغىنى يوق، جاھان بېغىنىڭ ئەڭ رەڭدار گۈلنى ساڭا سۇنىمەن ئانا. بالام ئۈچۈن دەپ كېچە يۇ كۈندۈز تىنىم تاپمىدىڭ ، بالام ئۈچۈن دەپ يۈرىكىڭنى قالقان قىلىپ قوغدىدىڭ،مىنىڭ قۇلۇمغا تىكەن كىرسە سېنىڭ يۈرىكىڭ قاندى، ئەلەمدە قالسام ،ئاچچىق تولغاندىڭ،خۇددى تۇغۇتۇڭدا تارتقان تولغاقلىرىڭ ئازكەلگەندەك،،،،سېنىڭدىكى پىداكارلىق،ئۆزىنى قۇربان قىلىش ئۆزگىلەردىن ئاسانلىقچە تېپىلماس،ھر قېتىم مېھرىڭ بىلەن بېشىمنى سىلىغىنىڭدا بۆشۈك ئۇيقۇمغا قايتقاندەك بولىمەن،كىچىكلىكىمدە بىلمەستىن نەچچە رەت سېنى خاپا قىلغان بولغۇيتۇم ،،،لىكىن مىنىڭ دائم كۆرىدىغىنىم سېنىڭ ئللق تەبەسسۇمىڭ ئىدى،سېنىڭ نىمە ئۈچۈن ماڭا ئۇزاقتىن ئۇزاق قاراپ كىتىدىغانلىقىڭنى ئەمدى چۈشەندىم,ئەسلى ئوغرى يىللار قورۇقلارنى ساڭا سوغۋا قىلىپ ،سېنىڭ سەۋرى قامىتىڭنى ،سۇمبۇل چاچلىرىڭنىڭ قۇندۇزدەك قارلىقىنى ،يۈزۈڭنىڭ ئالمىدەك قىزىللىقىنى ،زىبالىقىڭنى ماڭا ئەكىلىپ بەرگەچ،ئۆز نىسۋەڭدىن زوق ئالماق بولۇپ ماڭا شۇنداق قاراپتىكەنسەن ، جېنىم ئانا بىر ئۆمۈر مېھرىڭگە ، سۆيگۈڭگە قانمايمەن. تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن ،،،پاسبانىم
qaxma
518 قېتىم كۆرۈلدى | qaxma | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-20 1:30:35 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-12-13 14:30:14 | قەلبىنۇر |
بۇ ئەسەر بەك ياخشى يېزىلىپتۇ جاپا تارتتىڭ دوستۇم خانقىز |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|