بىر قىزغا ئاتاپ - يۈسۈپجان سايرامى

بىر قىزغا ئاتاپ

يۈسۈپجان سايرامى   ( زىنھار  )

سوراپ قالسا بىرى ناۋادا ،
مەن بەخىتلىك بىر قىز دەپ قوي.
ئازابلارمۇ مىنى يۈتەلمەس  ،
ئۈمۈدۋارمەن شۇنداق دەپ قوي .

قايغۇ ئەلەم كىلىپ قالسىمۇ ،
كۈلۈپ ياشايمەن چاندۇرماي دەپ قوي.
ۋاپاسىزلار ئالداپ كەلسىمۇ  ،
ئۆتنە جاھان بىلىپ قال دەپ قوي.

نىمانچۋالا خوشال سەن دىسە  ،
مەن شۈكۈرچان ھەممىگە دەپ قوي.
كۈلۈپ قاراپ گۈزەل ھاياتقا  ،
ھايات دىگەن ئەنە شۇ دەپ قوي.

بىر ئانام بار سىردىشىم مىنىڭ ،
بىر ئاتام بار يېپىنچام مىنىڭ  .
شۇ خوشاللىق بەختىمدۇر مىنىڭ،
كۈلەلەمسەن مەنچىلىك دەپ قوي.

2016-يىل 12-ئاينىڭ 17-كۈنى
##ئاپتۇر ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ ##





257 قېتىم كۆرۈلدى zinhar ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-17 23:57:26  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-20 11:38:59 M
ياخشى يېزىپسىز
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ