مۇزلىغان يۈرەك
شىئېر
ئاپتۇرى- مەمەتجان سامساق
مېھىر ئىزلەپ كۆڭۈل بەرسەم تالايلارغا ،
ئوخشاتتى گەر كۆزگە ئىلماي مالايلارغاـ
ئۆزگىلەردىن رەنجىمىگەچ ھالا بۈگۈن،
قاتتى باغرىم ئۆزگى قىلغان سادالارغا ـ
چۈشەنگەنمۇ كۆڭلۈم سۇنۇق يۈرگەندە مەن،
تەشنا مېھىر ، قول ئۇزاتقان قاياقلارغا،
ئۇپۇق يىراق زىمىن قاتتىق ، جۇدۇنلارغا،
تاشلاپ مىنى ھەمرا قىلغان تاياقلارغا ـ
رەنجىمگەن كىم كىملەردىن تالاي قېتىم،
جۇدۇنلىرى مۇزلاتقاندا يازلىرىمنى ـ
تىنىچ يۈرسەم ئۆزگىلەرنىڭ قولدا پىچاق،
ئۆلتۈرۈشكە كەپتۇ بۈگۈن غازلىرىمنى ـ
ئارمان بىلەن ھەسرەت چىكىپ باغلار ئارا
كۆرەرمەنمۇ دەشتى چۆلنىڭ ئازابىنى ـ
يېقىنلاردىن كەلمەي ۋاپا مۇزلاپ يۈرەك،
زىمىستاننىڭ قەھىرتان قىش خارابىنى ـ
مېھىر بەرسەم ھېس قىلمىدى يارەنلىرىم،
قىلدى لەختە يۈرەكلەرنى چەكتىم پىغان ـ
ھاياتىمنىڭ پەسلى گۈلزار ئىدى ئەسلى،
جۇدا قىلدى خوشلىقىمنى قار شىۋىرغان ـ
مۇزلاپ كەتكەن يۈرۈكۈمنىڭ نىداسىغا،
جانانلارنىڭ شەربەتلىردىن ئىزلەپ شىپاـ
تۈنلىرىمنى خاراپ قىلغان تالاي كېچە،
ئىزتىراپتا چەكتىم پىغان يوقتۇر داۋا ـ
قايسى جانان ساختا قەلىپ لىباسىدا ،
ساداقەتنىڭ ساماسىدا قۇچقان ۋىسال ـ
ئارزۇلىرىم قىلدى كۆز ياش جۇدالىقتا،
ئازاپلانما كۆيگەنلىرىم قالغىن خۇشال ـ
ئاپتۇرى-ئاقسۇ شەھىرى قارتال بازىرىدىن-مەمەتجان سامساق
تىلفۇن ئالاقە ئۈندىدار نۇمۇرۇم 15599755288
| 206 قېتىم كۆرۈلدى | مەمەتجان سامساق | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-8 23:37:14 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|