چىن سۆيسە دەيمەن : مەمەتجان سەمەت

         چىن سۆيسە دەيمەن

مەمەتجان سەمەت

بارچە   ئاشىق   يىگىت  قىزلىرىمىز،
كۆيگەن ئىكەن چىن كۆيسە دەيمەن.
بولماي   ئەسلا   يامان    نىيەتتە،
سۆيگەن ئىكەن چىن سۆيسە دەيمەن.

يالغان سۆزلەپ خىيانەت قىلماي،
لەختە   قىلىپ   يۈرەكنى  تىلماي.
ئۆز   يارىدىن   باشقا  يار تۇتماي،
سۆيگەن ئىكەن چىن سۆيسە دەيمەن.

شۈكۈر    قىلىپ   ياندا   بارىغا،
سادىق   بولۇپ   گۈلدەك   يارىغا.
ئېسىپ  قويماي  ھىجران  دارىغا.
سۆيگەن ئىكەن چىن سۆيسە دەيمەن.

ئەستە  ساقلاپ  بەرگەن  ۋەدىنى،
كۈتۈپ  خۇشال  گۈزەل   ئەتىنى.
بۇ   ھاياتنىڭ   سۈرۈپ   پەيزىنى،
سۆيگەن ئىكەن چىن سۆيسە دەيمەن.


تەھرىرى:مۇھەممەدتوختى سەببەت


مۇھەررىر:ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى


     





207 قېتىم كۆرۈلدى mamatjan520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-27 17:52:17  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ