مېھرى مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر دۇنيا (نەسىر) - تۇرسۇنجان قايىم ئىقبالى

 مېھرى مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر دۇنيا

ئاپتۇرى :تۇرسۇنجان قايىم« ئىقبالى»


بىز  ھاياتىمىزدا  نۇرغۇنلىغان  قىسمەتلەرگە  دۇچار  بولىدىكەنمىز، نى نى  ئۆزگىرىشلەر  بارلىققا  كىلىپ   قانچە مىڭلىغان ئادەم  بۇ  دۇنيادىن  ۋاقىتسىز  ئايرىلىپ ،  يەنە  نەچچە مىڭلىغان   ئىنسانلار   دۇنياغا  كۆز  ئاچىدىكەن،  يەنە  بەزى   ئادەملەر   باي  غوجام   يەنە  بەزى ئادەملەر    ئۆز  كۈنىنى  ئالالمىغۇدەك  دەرىجىدە  كەمبەغەل ، ھەم قەلەندەر  دەپ   ھېسابلىنىدىكەن    ،لېكىن   شۇ  باي  غوجاملار   شۇ  بىچارە  كەمبەغەللەرنى   ئېزىپ   ئۆز غۇرۇرىنى  دەپسەندە  قىلىپ   ياشايدىكەن    ،توۋا   ئۇلاردا   ئەجىبا   ۋىجدان  ۋە  مەسئۇلىيەت   تۇيغۇسى يوقمىدۇ  ، ھۆرمەت  ۋە  ئەخلاق پەزىلىتى  يوقمىدۇ  ،   يانچۇقىغا  تۆت  تەڭگە   پۇل   كىرىپ   قالسا   ئۆزىىزنىڭ  خۇدىنى  يوقۇتۇپ    قاۋاقخانا   ،قىمارخانا  ۋە  ياكى  ئەيىش  ئىشرەت   يولىدا  ھېچنىمىدىن   غەم  ئەندىشە   قىلماي  ئۆز  نەپىسىنى  باسالماي   خۇدىنىى   يوقۇتۇپ   كۈنلىرىنى   ئەيىش   ئىشرەتكە ،  كەيىپ   ساپاغا بېرىلىپ كېتىدىكەن  ،  تاپقان پۇللىرىنى كۆز كۆز قىلىپ ياشايدىكەن ،، شەھۋانى  ھېسىياتىنى  ھايۋانى ھەۋەسلىرىنى قامداش ئۈچۈن  ئۆز كۆڭلىنى  خوش قىلىپ ياشايدىكەن ...  بۇلار   دۇرۇس  ئىش قىلىپ كىشلىك  ھاياتتا   ئۆز  ئالدىغا  مۇستەقىل ياشىسا  تۇيۇق  يولدا   ماڭمسا  نىمبولا  دەپ كېتىمەن بەزىدە   ئۆز -ئۆزۈمگە   قايناپ ،     جەمىئيتىمىزدە   كوچىلاردا   بىچارىلەرچە   يوقسۇزلۇقنىڭ   دەردىنى  يەتكۈچە  تارتىپ  كۈنلىرى  ئەنسىز  ئىچىدە  يۈرىۋاتقان  ،، ھەتتاكى   بىر توغرام   نانغا  بىر قاچا  ئىسىق  تاماققا  تەشنا بۇلۇپ  يۈرىۋاتقان   كىشلىرىمىزمۇ  ئارىمىزدا   يوق  ئەمەس  ئەلۋەتتە  ،   بەزى  كاتتا  خوجايىنلىرىمىز  ئوقۇشسىز  قالغان  نارسىدە  يىتىملارنىڭ   ئوقۇش  پۇلىنى  تۆلەۋاتىدۇ   يەنە بىر  قىسىم  ئابلەت  مۇئەللىمدەك   ساخاۋەتچى  كارخانچىلىرىمىز   ئىشسىز  قالغان ياشلانىڭ  تامىقىنى  كۆتۈرۈشتىن  سىرت يۇقىرى  مۇ ئاشلا  بىلەن  ئىشقا  ئورۇنلاشتۇرىۋاتىدۇ   ، يەنە  ئۇنىڭدىن  سىرت   ئاجىز   مېيىپ   ئېغىر  كىسەللەرنى  يوقلاپ   مېھىرلىك  قوللىرىنى  سونىۋاتىدۇ  ، ئارىمىزدىكى   بەزى  پۇلدار  بايۋەتچىلەر بولسا  ئاتالمىش  مال-دۇنيالىرىنى  نەزىردىن  ئۈستۈن  كۆرۈپ  سىرتلاردا  ئاشنا  ئويناپ  باشقىلارنىڭ    ئىللىق   ھەم  بەخىتلىك  ئائىلىسىنى  بۇزۇپ   نۇرغۇنلىغان  ئائىللەرنى  بىر- بىرىدىن  ئايرىپ   ئاشۇ  ئوماق  سەبىيلەرنى  يىتىم  قالدۇرۇشقا  سەۋەپچى  بوپ  كەلمەكتە  ،  مەسلەن:   يەنە  ئېلىپ   ئېيتساق    ئىچكىرى  ئۆلكىدىكى ۋاڭ يەننا  خانقىز   مىللەت  ئايرىماي   جىددى  قانغا  ئېھتىياجلىق  بولغان   ھاياتىدىن  ئۈمۈدىنى  ئۈزەي  دەپ  قالغان   ئادىل   ئىسىملىك   ئۇيغۇر  قېرنىدىشمىزغا   مېھرى مۇھەببىتى  ئاتا قىلىپ   ھەقسىز  قان  تەغدىم   قىلىدۇ  ، ھەممىمىز  ئويلاپ  باقايلى  دوسلار،   بىز  بۇ  دۇنياغا   تۆرەلگەنكەنمىز   ھامان  بىر  كۈنى   بۇ ئالەمدىن  مەڭگۈلۈك  خوشلىشىمىز ، شۇڭا  بىز  ھاياتىمىزدا  بىر  كىشلىك  تۆھپىمىزنى  مەسئۇلىيەت  ۋە  مەجبۇرىيەت  دەپ   بىلىپ   خەيرى-ساخاۋەت  ئىشلىرىدىن  يىراقلىشىپ   كەتمەي  ۋىجدانىمىز  ۋە  غورۇرىمىز  بىلەن  ياشساق نېمە دىگەن ئېسىل پەزىلەت بۇ   ، ئىنسان  ھاياتى مېھرى  مۇھەببەت  بىلەن ئۆتسۈن   دۇنيا  مېرى  مۇھەببەت  بىلەن  گۈزەللىككە  تولسۇن ،

مېھىر - مۇھەببەت ئادەمنى ئۆزگەرتىدۇ ، ساخاۋەت قەلبنى يۇمشىتىدۇ ، ھەر قەدەمدە يۇلۇققان غېرىبلار ، مىسكىنلەرگە يۈرەك ئېزىلىدۇ ، ياخشىلىق ھەرجايدا . ھەر بىر باسقان قەدەملىرىڭ ياخشىلىق ئۈچۈن بېسىلسۇن . ياخشىلىقنى بەركىتىڭ  ۋە   ھەركىتىڭ بىلەن قىل ، ھەركىتىڭ  بىلەن قىلالـمىساڭ ئېغىزىڭ بىلەن ، ئېغىزىڭ  بىلەنمۇ  قىلالـمىساڭ سەندە  ياخشىلىق ئۈچۈن  سوقىدىغان بىر يۈرەك بولسۇن !

خەيرى ئېھسان  بېرىپ قوي پۇل تاپقاندا نامراتقا،
كۆرگەن كۈنگە شۈكۈر دەپ مىننەت قىلماي ياشغىن.
ئەسقاتمايدۇ پۇللۇرۇڭ ۋاقتى كەلسە قىسمەتتە،
ئادىمىيلىك پەزىلەتتە مېھىرى كۆۋرۈك ياسىغىن.

ئەمگىكىمگە ھۆرمەت  قىلىڭ   نامسىز  قويماڭ!

ئاپتۇر ئۈندىدار 1934220673
2016.12.27.كۈنى كېچە
     





172 قېتىم كۆرۈلدى ihbali ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-27 3:06:45  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ