ئىشقى پىراق (شېئىر) - مەمەتجان سەمەت

ئىشقى پىراق  
مەمەتجان سەمەت


كەلگەن بولساڭ سەن نىگارىم،
كۈلكەم كەتمەس ئىدى يىراق.
قىينىماستى بۇنچە مېنى،
مۇھەببەتلىك ئىشقى پىراق.

ئويلاپ سېنى سېغىنغانچە،
ئارلىقىمىز بولۇپ يىراق.
كۆزلىرىمدىن ياش ئالدىغۇ،
زار قاخشىتىپ ئىشقى پىراق.

بۇ يۈرەكنى لەختە قىلىپ،
ئەزدى بەكمۇ ھەسرەت پىراق.
كارىڭ بولماي يۈرگەن بىلەن،
سېلىپ قويۇپ ئىشقى پىراق.

ئۆمۈد كۈتۈپ ئۆتمەكتىمەن،
كىلىشىڭنى ساقلاپ تىزراق.
ئۇنتاي دىسەم ئۇنتالمىدىم،
يامان بولغاچ ئىشقى پىراق.

ئاپتورى. مەمەتجان سەمەت
ئۈندىدار . چ چ. 308381500
ئىشلەتسىڭىز ئاپتورنى ئىزدەڭ نامسىز قىلماڭ
     





252 قېتىم كۆرۈلدى مەمەتجان سەمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-12 1:40:49  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ