ئىزچى : ئون بەشىنچى يانۋار

ئون بەشىنچى يانۋار

 

 مىرادىل (ئىزچى)

 

ئېھ تۇلۇن ئاي بەكلا خىيالى .

 جىمى جاھان تىمتاس شۇنچىلىك.

 كۈلۈمسرەر سۆيگۈ ئىلاھى،

 خۇش بولمىغان ئۇمۇ بۇنچىلىك،

 

يۇلتۇزلارغا لىق تولغان بوشلۇق،

يۈرەكلەرگە پاتاتتى گويا.

ئارزۇلارمۇ يالقۇنلاپ ئۇلۇغ،

 تەلپۈنەتتى رىئال دۇنياغا.

 

چۈشەر ئىدى قار ئۇچقۇنلىرى،

 قىلمىغاندەك تەڭرىمۇ سۈكۈت.

 شىۋىرغانلار ئارا تۇغۇلدى،

ئاخىر مانا يېڭى بىر بەخىت.





108 قېتىم كۆرۈلدى izqi1 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-20 19:54:53  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ