مۇھەببەتنى ئ‍ۆتۈنگىلى بولمايدۇ - يۈسۈپجان ئ‍ايكىپە

مۇھەببەتنى ئ‍ۆتۈنگىلى بولمايدۇ 

 يۈسۈپجان ئ‍ايكىپە   

ئ‍ىنسان دىگەن ھەر نەرسىگە تويسىمۇ،
كۆز يۇمغىچە مۇھەببەتكە تويمايدۇ.
ئ‍ۇ سوۋغىدۇر ئ‍ەڭ قىممەتلىك،ئ‍ەڭ بۈيۈك ،
مۇھەببەتنى ئ‍ۆتۈنگىلى بولمايدۇ .

مۇھەببەتنىڭ چىن مەنىسى تەڭ كۆيۈش،
قول تۇتۇشۇپ بىر يالقۇندا تەڭ كۆيۈش،
زۆرۈر بولسا بىللە ياشاپ تەڭ ئ‍ۆلۈش،
مۇھەببەتنى ئ‍ۆتۈنگىلى بولمايدۇ.

سۆيەلمىسەڭ مۇھەببەتكە باشلىما،
باشلاپ قويۇپ يىرىم يولدا تاشلىما،
سۆيگەن يارنىڭ كۆزلەرىنى ياشلىما ،
مۇھەببەتنى ئ‍ۆتۈنگىلى بولمايدۇ.

ئ‍ايرىلىشنىڭ كۆپىنچىسى يۈزسىزلىك،
يۈزدىن بىرى ئ‍امالسىزلىق تەڭسىزلىك ،
ئ‍ايرىلغاننىڭ يۈرىكىدە ئ‍ەنسىزلىك،
مۇھەببەتنى ئ‍ۆتۈنگىلى بولمايدۇ.

يۈسۈپجان ئ‍ايكىپە
13709988104       1450877977
2016.يىلى 15-دىكابىر





77 قېتىم كۆرۈلدى يۈسۈپجان ئ‍ايكىپە ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-15 15:30:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ