ۋىجدانىمدىن سۇئال
ئابلىمىتجان ۋاھاپ تەنھا تۇرنا
مەن ئاڭا ئىشەنگەن ئىدىمغۇ ئەسلا،
لىكىن ئەمدى كەلمىدى قىلچە ۋاپا.
تاپماي كىسەل باشقىچە ئەسلا،
يۇرەگىمگە تەگدىغۇ دەردۇ ۋابا.
كونىلار ھەقىقەتەن راس ئىيتقانىكەن،
دەپ ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماس.
يىقىنىم دوسلارمۇ توغرا ئىيتقانىكەن،
يارىڭنىڭ يۇرۇگى سەن ئۇچۇن سوقماس.
سەت كىرىلىپ ئىيتقان دوسلىرىمغا،
ئىشىنىمەن شۇنچىلىك ئۇ قارا قاشقا.
خوش دىدى بەردى ئەلەم دىل ئارامىمغا،
قايرىلىپلا بەردى كۆڭۇل ئۆزگىگە باشقا.
ئەمدى نىمە بولدۇممەن ھىچ بىلمىدىم،
خىياللىرىم قاچۇرۇپ ئالدايدۇ مىنى.
ۋىجدانىم سورايدۇ شۇنى بىلىمىدىم،
ئىشەنگىنىڭ ھاياتىڭ ئەمدى قىنى.
مەن ئازاپتىن بەردىم جاۋاپ ۋىجدانغا،
ئويلىمايلا ئىيتىم ئاچچىق سۆزۇمنى.
ۋىجدانىم بىلدىڭمۇ ئەمدى ماڭا ئىيتقىنا ،
كۇلكەمنى قايدىن تاپاي قايدىن ئۆزۇمنى.
سەن ئەمدى مىنى كۆتۇرگىن ئاستا،
ۋىجدانىم سۇئالىمغا بەر جاۋاپ باشتا.
كۆزلىرىم كۆر خۇشاللىق تاپماس ئەسلا،
چىرايىمدۇر زەپىرەڭ كۆزلىرىم ياشتا.
ئىيتتى ۋىجدانىم سەن ئوغۇل بالا،
ئويلىماي ئۇگەنگىن ئۆي ئىچى تالا.
ئۆزۇڭنى مەغرۇر تۇت كۆتۇر بىشىڭنى،
ئويلىماي كەتكەننى،ئالدىڭغا قارا.
ئىرىشتىم ۋىجدانىمدىن ھەقىقەت جاۋاپ،
دىدى ئۇ كۇتمىگىن ۋاپاسىزدىن سۆيگۇ.
بولسىمۇ يۇرەگىڭ چاك سۇلۇق كاۋاپ،
كەينىڭدە قالىدۇ ساڭا گەپ تىپىپ قاۋاپ.
ئابلىمىتجان ۋاھاپ تەنھا تۇرنا
2016-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۇنى كەچ
63 قېتىم كۆرۈلدى | tanhaturna | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-26 1:22:29 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|