نىدا - مەردان ياقۇپ( غۇلجا)

  گۈلۈمگە سۆز

مەردان ياقۇپ( غۇلجا)


ناتونۇشتۇق تۈنۈگۈن تېخى ،
خاتىرەمدە ئىسمىڭ يوق ئىدى ،
رىئاللىققا بوي سۇندۇم بۈگۈن ،
ئەزىزىم دەي گۈلۈم سەن قىنى ،

شۇكۈرسىزلىك قىلمىغىن گۈلۈم
بۇ دۇنيانىڭ بىرى كەم شۇنداق
ساڭا ھەمراھ بولسۇن دۇئايىم
ئىنشائاللاھ كۈن تېخى ئۇزاق

پاك ياشىغىن ئۆلۈم ئالدىدا ،
كۈنلەر ئۇزۇن يىللار بەك قىسقا ،
ئۆز-ئۆزۈڭگە سوئال قويۇپ باق ،
بىز ياشايمىز زادى نېمىشقا !

سەبىرىم بار سىنى كۈتۈشكە ،
ھايات گۈزەل سەبىرلەر بىلەن ،
مال دۇنيادا ئۆلچەنسە دوسلۇق ،
دۇنيا تولار قەبىرلەر بىلەن ،

گەپلىرىمنىڭ تىگى بىر دەريا ،
يۈزۈڭ ئەمەس يۈرۈڭۈڭ بىلسۇن
تۇت قولۇمنى مەن ئىلىپ ماڭاي
كۈنلىرىمىز بەخىتكە تولسۇن ،

 2016/11/6新大
     





266 قېتىم كۆرۈلدى mardan118 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-6 16:31:26  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-10 10:04:59 Elminur高中同学
bak yahxi yizep san terexkin dustum
2016-11-10 9:11:09 nigmat
jinim seni segindem
2016-11-10 1:00:41 بەڭۋاش
بەك ياخشى بوپتۇ ئ‍ىدش يارايسە
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ