تۇغۇلدى يەنە يېڭى بىركۈن
يازغۇچى : 🌺چىچەك🌺
تۇغۇلدى يەنە يېڭى بىركۈن ،
كۈلكەمگە يېڭى كۈلكە قۇشۇپ .
بىراق كەلمەسكە كەتتى تۈنۈگۈن .
كۆزدىن غايىپ قاياققا ئۇچۇپ .
تۇغۇلدى يەنە يېڭى بىركۈن ،
مىنى ئۆمۈدلۈك بولۇشقا چىللاپ.
رەڭدار چىمەننىڭ گۈل بەرگىدىن،
ئاقنى پاكنى ئايرىشقا خىللاپ .
تۇغۇلدى يەنە يېڭى بىركۈن ،
پەقەت مەن ئۈچۈن تۇغۇلغاندەكلا.
قۇيۇپ قويۇپتۇ شادلىقتىن شاراپ ،
پەقەت مەن ئۈچۈن قۇيۇلغاندەكلا .
تۇغۇلدى يەنە يېڭى بىركۈن ،
مىنى ئىلھامغا ئويغا كۆمۈپ .
ئىشەنىچ بىلەن تۇردۇم ئاندىن ،
ماڭا كۈلگەن چىھرىنى كۆرۈپ .
تۇغۇلدى يەنە يېڭى بىركۈن ،
تۈنۈگۈن كەلمەسكە كەتتى تامان.
بۈگۈننى قەدىرلەپ سۆيمىسەم گەر،
ئىرىشكەن كۈنۈم بولغۇسى ھارام .
تۇغۇلدى يەنە يېڭى بىركۈن ،
سۇئاللاردىن تولدۇرۇپ بىر جام .
ئىنتىلىشكە ئاشىق بۇ قەلبىم ،
سۇئاللارغا مەھلىيا دىل رام .
تۇغۇلدى يەنە يېڭى بىركۈن ،
مەن ئۇندىن كۆپ ئىپتىخالاندىم .
بىراق يوقاتقان تۈنۈگۈننى ئەسلەپ ،
كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش ئالدىم .
تۇغۇلدى يەنە يېڭى بىركۈن ،
تۈنۈگۈن ئورنىنى تولۇق قىلغىلى .
بىراق تۈنۈگۈن مەندىن بىزار ،
بىكارچى قىلىپ قويغاچقا ئۇنى .
2016-12-18 (سەھەر ئۈرۈمچى)
371 قېتىم كۆرۈلدى | (يەسىرە) چىچەك | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-18 19:37:24 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-12-20 2:40:55 | ئەرچىن |
تىرىشىڭ ، ياخشى يىزىپسز ، قولىڭىزغا گۈل سۇنىمەن ! |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|