مۇھاببەت سىرى - ھەمدۇللا ئابدىراخمان(ئۇيغۇربېك)

         مۇھاببەت ۋاپاسى بىلەن ، ھالاۋەت جاپاسى بىلەن.            
  -ئۇيغۇر خەلىق ماقالى
                       
  مۇھاببەت سىرى

       ھەمدۇللا ئابدىراخمان(ئۇيغۇربېك)

مۇھاببەت ئۇيۇنچۇق بەزى بىرلەرگە،
ھىجراندا مۇقەددەس لىكىن كىملەرگە.
چۈشەنسە سىرلېرى ئەسلى تىلسىمات،
ئاز كۈلكە ئالمىشار تالاي غەملەرگە.

چۈشەنمەك مۇشەققەت لىكىن سىرىنى،
بىلمىسە ۋاپادىن ئۇنىڭ تىلىنى،
قىرىققا يارىدۇ كۈڭۈل قىلىنى،
ھاياتنى تەڭشەيدۇ ،ئاچچىق تەملەرگە.

كۆرىسەن قايغۇسى نامەرد يالغاننىڭ،
كۈلكىسى يۈرەكنى يۇلۇپ ئالغاننىڭ،
بەختى بار چىشىنى چىشلەپ قالغاننىڭ،
چەيلەنگەن بولسىمۇ ، ناھەق چەملەرگە.

مۇھاببەت تۇيغۇسى ئەزىز بىلگەنلەر،
ۋاپانى ئۆزىگە پەرىز  بىلگەنلەر،
يۇقالسا سۆيگۈنى ئۇيۇن كۆرگەنلەر،
دەرت-ئەلەم ئالمىشار خۇشال دەملەرگە.
     





34 قېتىم كۆرۈلدى uyghurbek ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-28 19:01:33  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ