ھېجراندىن سادا (نەسىر) - رەيھانگۈل سادىق

ھېجراندىن سادا (نەسىر) 

 رەيھانگۈل  سادىق


  كېتىپ قالدىڭ، يۇركۈمگە مېھرىڭدىن ئۇچقۇن، قەلبىمگە لىققىدە ئۈمىدنى سېلىپ. يۈركۈمگە ئۇچقۇن بۇلۇپ سىڭىپ كىرىپ، يالقۇن ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن مېھرىڭ ئۆز سېھرىنى كۆرسىتىپ، مېنى ئۇيقىنىڭ بىخارامان تۈنلىرىدىن ئاستا ئويغاتتى. قەلبىم ئۆزىگە ئىللىق ھارارەت بېغىشلىغان بۇ يېڭى مېھماننى كۈتۋېلىشقا ئۈلگۈردىيۇ، ئەمما يەنىلا بۇ شېرىن تۇيغۇلارنىڭ يوقلۇپ كىتىشىگە قاراپ تۇرۇشتىن باشقا ئامال قىلالمىدى.
   سەن كەتتىڭ ،قەلبىمگە يەتكۈچە ئازابنى سېلىپ كەتتىڭ. «بىز دوسقۇ » دىمە، ئۆز ۋىسالىغا يېتەلمىگەن ئاشىقىمنى ئۆزگىلەرنىڭ يېنىدا تۇرغۇزۇپ قويۇپ،دوستۇم دىيىشكە تىلىم بارمايدۇ. «ساددىلىق قىلما » دىمە ،سەن ئاللىقاچان ساددىلىق ئىشكىنى قۇلۇپلاپ،ياشلىقنىڭ مىلودىيسىنى ياڭرىتىپ بولغان. يۈركۈمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا ئىسمىڭنى مۆھۈر قىلىپ بېسىپمۇ بولغان يەنە كىلىپ.«بۇ بىردەملىك قىزقىش »دىمە،ئۆزگىلەر شۇنچە قىلىپمۇ ئويغىتالمىغان بۇ يۈرەك ناۋادا چىن بولمىغان بولسا ئەمدىلىكتە ھەرگىزمۇ ساڭا دىل بايانىنى ئەيلىمەيتى.
    كەتتىڭ ،شوخلۇقۇمنى ،يۈركۈمنى ئېلىپ كەتتىڭ. سېنى، مېھرىڭنى نەدىن ئىزلەي،ئىزلىرىڭ قالغان ھەر جايدىنمۇ ،سىمايەڭ چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن نىمجان يۈركۈمنىڭ قات ـ قېتىدىنمۇ ۋە ياكى باشقا بىر قىزنىڭ نازلىق كۈلكىسى، شېرىن سۆزلىرىدىنمۇ .
  مۈكەممەللىككە ئىگە بولمىغان بۇ مۇھەببەت، مېنى  ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ كۆرۈنمەس ئارغامچىسىغا باغلاپ،  ئۆزىنىڭ ئاچچىق دېڭىزىغا تاشلاپ چۆكتۈرۈپ بولغان. بوپتۇ كەتسەڭ كەت، ۋۇجۇدۇمنى چىرمىۋالغان مېھرىڭنى، يۈركۈمنىڭ چوڭقۇر قېتىغا سالغان ئۈمىدىڭنى ئېلىپ كەت. ئەركىنلىكىمنى، شوخلۇقۇمنى قۇيۇپ كەت.
  دەرۋەقە كەتتىڭ ،ئەمدى ئامال يوقلىقى ئۆزۈمگىمۇ  ئايان،لېكىن بۇ ھاماقەت قەلبىم يەنىلا سەن تەرەپكە تەلمۈرۈپ ،قارا سىمايەڭ يۈتكۈچە قاراپ تۇرۇپ قالدى. سەن شۇنچە تېزلا كۆز ئالدىمدىن غايىپ بولدۇڭ، بوراندا يامغۇردا قېلىشىمنى ئويلاپمۇ قويمىدىڭ.قار يېغىۋاتىدۇ،  ياق بۇ قار يەرگە ئەمەس يۈركۈمگە يېغۋاتىدۇ. ئەمدى باھار پەسلىگە قەدەم قويغان بۇ كۆڭلۈم ،سېنىڭ ھېجران جۇدۇنۇڭدا   خازان بۇلۇپ،كىچىككىنە مېھرىڭگە زارىقىپ ئۆز داۋاسىنى ئىزلەيدۇ.
    سېنى نىمىشقىمۇ ئۇچراتقاندىمەن.ئۆزقەلبىمدىن      نېمىشقىمۇ شۇنچە ئورۇننى بىر ساڭا ئاتاپ قويغاندىمەن.كۆزۈمگە ياش ئېلىپ ئېسىت دەيمەن،    لېۋىمنى چىشلەپ توۋا دەيمەن .ئەسلەيمەن بىر چاغلاردىكى شوخلۇقۇمنى،چېھرىمدىن كۈلكە كەتمەيدىغان ،ئوينۇشۇپ تەنتەكلىك قىلساممۇ يارشىدىغاندەرىتسىز چاغلارنى.
  بىلمەيسەن ،ھېچنىمىنى بىلمەيسەن.بىر ئاجىز قىزنىڭ كۆزىدىن ياش ئېلىپ،يۈركۈمنى مۇزلاتقىنىڭنى بىلمەيسەن. سەن بىلمەيسەن،ئۆزگە بىلەن كۈلۈپ  يۈرگىنىڭدە،بىرىنىڭ كەينىڭدە تۇرۇپ،ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ھېس قىلالمايۋاتقانلىقىنى ،بىر تىپتىنىش قەلىبتە قاتتىق داۋالغۇش پەيدا قىلىپ كارىڭ بولمايۋاتقانلىقىنى بىلمەيسەن .
  ھەممىسى ئۆزۈمدە،ئالدىراپ يۈركۈمگە بارچە ئۈمىدنى سېلىپ بېرۋەتكەن گۇناھ ئۆزەمدە.ئەقلىمنىڭ ئويلاشماي چىقارغان خاتا پەرمانى بىلەن ئارماندا قالغىنىم، ئەقلىمنى ھېسياتىم ئالدىدا باش ئەگدۈرۈپ ،  گۆدەكلەرچە سېنى يۇلۇمغا چىراغ ،زىمىستاندا گۈلخان، پىژغىرىمدا سايىۋەن بولىدۇ دېگىنىم. سەندىن كۆرمەيمەن، ئۆزۈمگە خائىنلىق قىلدىم ،ئۆزۈم ئۆزۈم ئالدىدا گۇناھكارمەن. ئۆزۈم قەدىرلەپ قەدىرلىشىڭگە يېتەلمىدىم، ھۆرمەتلەپ ئىشەنچىڭغا ئېرشەلمىدىم. ئۆزۈم ئەيىبلىك،تىلىم ساڭا بەخىت تىلىدى ،دىلىم سېنىڭ «بەختىم » بولۇپ قېلىشىڭنى ئىستىدى. ئىخىتىيارىڭغا قويۇپ بەردىم، بارلىقىمنى ئېلىپ كەتكۈدەكسەن. ھېلىمۇ يىتەر قەلبىمگە ئۆچمەس داغ،  يۈىكۈمگە ساقايماس دەرىد سېلىپ كەتكىنىڭ.
  ئېغىر بىر تىنۋەتتىم. ئۈمىدسىزلىك دېڭىزىدىن يەلكەمنى بېسىپ تۇرغان ھەسرەتنى يۈدۈپ كەينىمگە قاراشقا مەجبۇرمەن. ئەمدىكى قەدەملىرىمنى ھېسىياتىم بىلەن ئەمەس،ئەقلىم بىلەن ئېلىشقا،يېنىكلىك بىلەن ئەمەس سالماقلىق بىلەن ئېلىشقا ئۆزۈمگە ۋەدە بەردىم.
 سېنى بەلكىم ئۇنتىيالماسلىقىم مۇمكىن،بىراق ھاياتىم دەپ قارىمايمەن.سىنىڭ ماڭا قالدۇرۇپ كەتكىنىڭنى تارىخ بېتىمدىكى بىر ئەخمىقانىلەرچە  يېزىلغان ھېكايە دەپ قارايمەن،ھەرگىزمۇ ئۈمىد دەۋالمايمەن .
    ئالدىمغا قارىدىم.كۆز ئالدىمدا باشقا بىر دۇنيا زاھىر  بولدى،سوغوققىنە شامال قولقۇمغا پىچىرلىدى    «ئالدىڭغا قارا،كۆڭلۈڭگە ئوچۇقلۇق، كۆزۈڭگە يۇرۇقلۇق ئىزلە. بېشىغا پەلەكتىن تاش ياغسىمۇ ،  ھايات يولۇڭدا بەردەم تۇر. ئۆتمۈشۈڭ ھەرگىزمۇ    كەلگۈسۈڭ يولىدا ساڭا دۈشمەن بولمىسۇن.»
     





292 قېتىم كۆرۈلدى رەيھانگۈل سادىق ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-18 22:24:32  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-23 4:20:04 ئابدۇقادىر
سىزنىڭ «ھىجراندىن سادا » ناملىق نەسىرىڭىز ئاۋازلىق ئەسەر قىلاي دىگەنتىم ،،،،،بولامدۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ