ئېلى دىيارىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلارغا
قەلەمدە: تاھىرجان غۇپۇر (ئەتىۋا)
سادىر پالۋان، نۇزۇگۇملار،
چاقچاق شاھى ھىسام ئاكام.
ھەم لۇتپۇللادەك قەھرىمانمۇ بار،
يېتىشتۈرگەن ئېلىغا سالام.

كۆز تەگدىمۇ بۈگۈن ئەتەڭگە،
كۈلكە چاقچاق قىلغان مەلەڭگە.
قان-ياش تۆكتۈم ھالىڭنى كۆرۈپ،
خىتاب قىلدىم ئۇشبۇ قەلەمگە.

ئادەتتىكى بىر كەلكۈن دەپتىمەن،
ۋەيران قىپتۇ شەھەرنى بېسىپ.
ئىچىم سىيرىلدى كۈمۈلگەنلەرگە،
تاپالماپتۇ لاتقىنى قېزىپ .

ئاپەت كىلىپ بېشىڭغا بۈگۈن ،
يول، ئۆيلەرگە قازا يېتىپتۇ.
شۇ ۋەجىدىن قېرىنداشلارنىڭ،
تېنەپ قېلىپ بېشى قېتىپتۇ.

ئات-ئۇلاغلار ئاقار قىياندا،
ماشىنىلار لەيلەر قېيىقتەك.
ئاھۇ -زارلار يەتتى پەلەككە،
گويا ماتەم،نەزىر بولغاندەك.

غەم قىلماڭلار قېرىنداشلارىم،
سىلەر تەنھا يالغۇز ئەمەسقۇ.
بۇ ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈنلەردە،
بىزمۇ سىلەرگە يىراق ئەمەسقۇ.

خاتىمە:
تاما-تاما كۆل بۇلار ئىمىش،
غەم قىلماڭلار ئەتىكى ئىشتىن،
ساق-سالامەت بولساڭلار پەقەت،
بىللە چىقىمىز بۇ يىلقى قىشتىن.
2016-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى (توقسۇن)
| 359 قېتىم كۆرۈلدى | atiwa | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-6-20 10:10:56 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |