رۇبائىيلار - ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن

رۇبائىيلار

ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن 


ئادەملەر كەتسىمۇ مۇھەببەت قالۇر،
ئۇرۇقى ئەۋلادقا سۆيگۈنى ئاچۇر.
مۇھەببەت ئىنسانغا سۇنماس قانات،
مۇھەببەتتىن ئىبلىس شەيتان قاچۇر.

كېتىدۇ ياشلىق تۈگەيدۇ ئۆمۈر،
قاتتىق بولسمۇ داتلىشار تۆمۈر.
ئىگىلمەي ھاياتقا ئىلاجىلەر يوق،
بەزىدە ئۇ پاختا بەزىدە كۆمۈر.

كەلگەن كېتىدۇ ھايال ئۆتكۈزمەي،
دەۋىر ھەيدەيدۇ پەيىت كەتكۈزمەي.
ئارمانلار قالىدۇ شىرىن چۈش پېتى،
ۋاقىت ۋاپاسىز مۇرادىغا يەتكۈزمەي.

سۇنىدۇ چىنارمۇ كەلگەندە بوران،
قۇياشمۇ تاغلارنى قىلىدۇ گۇمران.
ئەجەل ئالدىدا شاھلارمۇ ئاجىز،
ئوكيان قۇرسىمۇ بولمىغىن ھەيران.

ھەقىقەت-ھەققانىي كۈيۈپ كەتسمۇ،
تەنلەردىن بېشى ئاجىراپ كەتسمۇ.
كۆكلەيدۇ بىخلىنىپ پەيتى كەلگەندە،
سۇسىز چۆللەردە قۇرۇپ كەتسىمۇ.

يالغاننڭ كۈندە پىشمايدۇ ئېشى،
يالغاننڭ سەپەردە چاپمايدۇ ئېتى.
ئەپلەپ ئۆتسىمۇ گەرچە بۈگۈنى،
ئەتىگە تۇتارغا يوق ئەسلا سېپى.


2016.12.21
     





67 قېتىم كۆرۈلدى abdu4745 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-21 5:40:46  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ