يىگىتمەن (ساتىرا)
ھەسەنجان ئۇچقۇن
...................1....................
بۇدۇنيادا بارمىدۇ؟ مەندەك پەيلى ياماندىن،
ھەقىقەتنى بۇرمىلاپ ئاقنى-قارا قىلغاندىن.
ئاجىزلارنى يىغلىتىپ يۈرەكلىرىنى تىلغاندىن،
مال-دۇنياغا بىرىلىپ ۋىجدانىنى ساتقاندىن.
بۆرەكەبى نەپسىمگە چۇغنى تارىتقان يىگىتمەن!
....................2...................
ئاتا-ئانام نەسىھەت قىلسا قۇلاق سالمايمەن،
قىلغانلىرىم بەرھەقتۇر سۆزنى ئىلىك ئالمايمەن.
پۇلدۇر مىنىڭ بايلىقىم بۇ يۇلۇمدىن يانمايمەن،
ھالال-ھارام دىمەستىن چۆنتىكىمگە جۇغلايمەن.
تىمساق كەبى قارنىمنى پۇلغا ئاچقان يىگىتمەن!
.....................3....................
كېچىلەردە لالمىدەك ئۆيگە ئاياغ باسمايمەن،
ئاتا-ئانام يۈرىكىنى ئەنسىزلىكتە مۇجىيمەن.
بارار جايىم قاۋاقتۇر شاراپ ئىچىپ قانمايمەن،
ناخشام ئىسمى خانلەيلۇن بۇلىشىغا توۋلايمەن،
مەسچىلىكتىن گاھىدا يولدا ياتقان يىگىتمەن!
......................4...................
ئۈلپەتدىشىم ھاراقتۇر كەيىپ مىنىڭ بارلىقىم،
نەشە بىلەن ئۇرغىيدۇ ئارغىماقتەك شاشلىقىم،
دىسكۇ-دىبا دائىملىق كۆڭۈل ئارام شاتلىقىم.
ئۆتسە مەڭگۈ رازىمەن كەيىپ بىلەن ياشلىقىم.
ياشلىقىمغا زەھەرلىك ئوقنى ئاتقان يىگىتمەن!
......................5....................
يالغان ئېيتىپ قىزارماس ئۇشبۇ قېلىن يۈزلىرىم،
قۇرام-تاشنى ئېرىتەر بال-ھەسەلدەك سۆزلىرىم،
سۇمبۇل چاچقا تىكىلگەن مېنىڭ قىزىل كۆزلىرىم.
شەھۋەتلەردىن كۈچلىنەر قاۋان كەبى بۇنەپسىم.
سەبى قىزنىڭ بەختىگە تۇپا چاچقان يىگىتمەن!
.......................6....................
قايسى ئاقماس دېدىكىن ئاتا-ئانا بىربايلىق،
سىنى دەپلا ياشىدى يوقلاپ تۇرغىن داۋاملىق.
ئەمدىلىكتە نىمكارىم ئۆتۈپ كەتتى مۇھتاجلىق.
باياشاتتۇر تورمۇشۇم مەندە كۆپتۇر پۇل-بايلىق،
ئاتا-ئانىنى دۇنياغا تەڭ قىلمىغان يىگىتمەن!
......................7....................
ئاپتۇرى: ھەسەنجان ئۇچقۇن
كوت كوت ھەم ئۈندىدار: 731725280
2016-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى گۇۋاڭجۇ
323 قېتىم كۆرۈلدى | hasanjanuqk | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-26 23:44:12 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|