كىملىرىڭ قالدى - ئابلىكىم ئابلەت (ئەرتۈرك )

 كىملىرىڭ قالدى  

ئابلىكىم ئابلەت (ئەرتۈرك )

ناھەقلەر  ئ‍الدىدا  يۇمۇلدى كۆزلەر ،
ھەقنى ھەق دەيدىغان كىملىرىڭ قالدى .
شۇ سەۋەپ ئ‍ۆزلۈكتىن كەتتۇق يىراقلاپ ،
مىھرىنى بەرگۈدەك  كىملىرىڭ  قالدى .

مۇھتاجلىقتا بولغان بىلەن پەرۋانە ،
ھاجىتىڭ چۈشكەندە ھەممە يوقالدى .
كەلگەندە بىشىڭغا ئىغىر كۈلپەتلەر ،
سىناقتىن ئ‍ۆتكىدەك كىملىرىڭ قالدى.

يىقىلسام تۇرالماي گاھى يولۇمدا ،
قولىنى سۇنارغا كىملىرىڭ قالدى .
خۇددى بۇ دۇنيادا ئ‍ۆزۈم يىگانە ،
كۆڭلۈڭگە تەسەللى كىملىرىڭ قالدى .
         2016-10-25
     





134 قېتىم كۆرۈلدى Ablikim ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-25 19:18:42  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-30 18:29:14 zohra
hakikatan.yahxi.yiziliptu
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ