قالدى يۇرت يىراقتا، دىل ھەسرەتتە

قالدى يۇرت يىراقتا ،  دىل ھەسرەتتە

 

 چىقار شامال ئۇچۇرتۇپ ياپراقلارنى ھەر قايان،

 شىۋىرلىشار يېقىملىق تېرەكلەر يول بويلىغان.

 كۆكتە نۇرى قۇياشنىڭ تۆكۈلمەكتە زىمىنغا،

 ئۇچۇپ ئۆتەر سەپ-سەپ قۇش غاقىلداپ جەنۇپ تامان.

 

 پارقىرار كۆللەر يىراق پارچىسىدەك ئەينەكنىڭ،

 ئاپئاق ئىگىز چوققىلار بۇلۇتلار ئارا قالغان.

 بولدىمىكىن چىڭقىچۈش، بىرمۇ ئىنسان كۆرۈنمەس،

 ھۇسۇل مول، شاد دېھقانلار ئۈيدە ئۇخلار خىرامان.

 

ماڭماقتىمەن يىگانە ئاشۇ قەدىم يوللاردا،

سانسىز گۈزەل ئەسلىمە كۆز ئالدىمدا نامايان.

 نېمە باركىن ئەمدىلىكتە سىغمايدىغان كۆزۈمگە،

 تۇيۇلار قوڭغۇزلارمۇ شۇنچە ئىللىق، مېھرىبان.

 

 دىيىشەر جىياڭنەن كەبى غەرىپتە شەھرى بەر-بەر،

ھاۋاسى شۇنچە ساپتۇر ، سۇلىرى ئەلۋەك ھامان.

 ھەممە خۇش لىكىن پېقىر كۆزلىرىدە ھەسرەت-مۇڭ،

 گەر نىچۈن دەپ سورىساڭ:ياش تۇرۇپلا يۇرت سايان.

 

ئۇرۇق-تۇققان، دوسىت-يارەن ھەم غېرىپ خىلۋەت كۇچام،

 يىراقلاپ بارا-بارا خىرە تۇمان قاپلىغان.

 ھىچنەرسە يوق ئىزىمدىن باشقا ھىچبىر ئارقامدا،

 قالار ئۇمۇ كۆمۈلۈپ سوقسىلا ئەگەر بوران.

 

(ئۇچتۇرپان)--م، ئىزچى





133 قېتىم كۆرۈلدى izqi1 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-4 11:27:11  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ