بىر ئەسلىمەم بار
ئابىلىكىمجان ئابدۇۋەلى
بىر ئەسلىمەم بار
ئويلىساملا كۈلۈمسىرەيدىغان
بەك ئاددىي ۋە لېكىن
مەڭگۈلۈككە ئۇنتۇلمايدىغان
****
كىچىك ۋاقىتلىرىمىزتى
مەلىمىزدىكى باغچىدا ئىدۇق
گۈللەر نى ئۈزدۇق
گۈلدەستە تېزدۇق
ئۇنتۇمايمەن گۈلگە ئوخشاش يۈزۈڭنى
****
گۈل ئۈستىدە كىپىنەكنى كۆردۇق
كىپىنەكنى قوغلىدۇق
لىكىن تۇتالمىدۇق
شۇنداقتىمۇ بەك خۇشالتۇق
ئۇنتۇمايمەن شۇ چاغدىكى كۈلكەڭنى
****
ھىرىپ كەتكەنتۇق
ئىرىقنىڭ بويىدا
سەرۋى گۈلى ئاستىدا
ئولتۇردۇق بىر دەم سايىداپ
ئۇنتۇمايمەن سەرۋى كەبى ھىدىڭنى
****
ئۇزاق پاراڭلاشتۇق
خىيالغا پاتتۇق
كۈلۈمسىرەيتتىم
كۆزۈڭگە قاراپ
ئۇنتۇمايمەن چولپان كەبى كۆزۈڭنى
****
كەتمەكچى بولدۇق
كەتكىمىز يوقتى
لىكىن كەچ بولغان
قىيماي ئايرىلغان
ئۇنتۇمايمەن شەپەقتىكى چىھرىڭنى
****
خوش دىدىڭ كۈلۈپ
كۆز لىرىڭدە غەم
ئەتە كۆرشىدىغاندەك
خوش دىدىم بىغەم
ئۇنتۇمايمەن سامادا قالغان قولۇڭنى
****
ئەتىسى سەن يوق
ئۆگۈنىمۇ شۇنداق
ئاڭلىسام كىيىن
كۆچۈپ كىتىپسەن
ئۇنتۇمايمەن گۈللەر ئۈنگەن ئىزىڭنى
****
شۇ كەتكەنچە سىنى
كۆرۈپ باقمىدىم
نەچچە يىل ئۆتتى
ئوقۇشمۇ پۈتتى
ئۇنتۇمايمەن ئاشۇ سەبىي چاغلارنى
****
بىر ئەسلىمەم بار
ئويلىساملا كۈلۈمسىرەيدىغان
بەك ئاددى ۋە لىكىن
مەڭگۈلۈككە ئۇنتۇلمايدىغان
****
——— ئابلىكىم
2016-10-10
ئۈرۈمچى· شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى
| 59 قېتىم كۆرۈلدى | ئابىلىكىمجان ئابدۇۋەلى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-10 23:07:14 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|