سۆيگۈلىرىم قامال قىلدىم
تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر )
نە قايغۇراي قىسمەتلەرگە ،
ھەزەر قىلاي قەستلەشلەرگە ،
ھايات پەيزى سۈرۈپ ياشاپ ،
كۈلۈپ يۈرەي قەسىرلەردە .
توختاپ قالماس قەلەملىرىم ،
مەڭگۈ ئازماس قەدەملىرىم ،
كۆزۈم تالدى ، يولۇڭ قاراپ ،
مەڭگۈ چانماس يۈرەكلىرىم .
تىلەكلىرىم خىيال قىلدىم ،
يۈرەكلىرىم مالال قىلدىم ،
تېنىقلىرىم توختاپ شۇئان ،
سۆيگۈلىرىم قامال قىلدىم .
تەھرىرلىگۇچى :ئابلىمىتجان ۋاھاپ
مۇھەررىر:ئابدۇقىييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار:2041420589
| 45 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-6-16 18:32:01 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|