دوستۇم سىنىڭ تويۇڭ بولدى - ئا. ئەپەندى

دوستۇم  سىنىڭ تويۇڭ بولدى
  ئا. ئەپەندى 


داداڭ ئۈچۈن  مەلىكە  ئىدىڭ،
يارىڭ ئۈچۈن پەرىشتە ئىدىڭ،
مانا بۈگۈن خانىش بولدۇڭ ،
دوستۇم سىنىڭ تويۇڭ بولدى.

تۈنۈگۈن تىخى  بالا ئىدىڭ،
غەمسىز كۈلۈپ يۈرەتتىڭ،
تۇرمۇش قۇرماق بولۇپسەن،
دوستۇم سىنىڭ تويۇڭ بولدى.

ئاڭلاپ دوستۇم خوشاللىقىڭ خەۋرىنى،
خۇش بولدۇم قەۋەتلا شادلىققا چۆمدۈم،
بىشىڭ باش،ئايىغىڭ تاش بەخىت تىلەيمەن،
(بۈگۈن ئايەم) دوستۇم سىنىڭ تويۇڭ بولدى.

ئاڭلا دوستۇم ، مەندىن ساڭا نەسىھەت ،
تۇرمۇش،تۈرگىن مەھكەم مۇشنى سەن،
ئاچچىق تاتلىق يازلىرى بار ھەم زىمىستانى،
(تەييار تۇرغىن)،دوستۇم سىنىڭ تويۇڭ بولدى.

ئا. ئەپەندى  (ئابدىرشىت ئابدىجاپپار )
2016/11/26كۈنى (دوستۇم مەربىيە ئۈچۈن )
     





80 قېتىم كۆرۈلدى PinHaN ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-27 11:35:22  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ