ئۈمۈدۈم
مۇھەممەتجان ئەخەت (پېقىر)
مەن يىقىلسام كۈلدى خەقلەر ھەتتا بېشىمدىن ئاتلىدى،
يۆلەپ قويسام قويدۇمكى ھېچ خەق يىقىلسا كۈلمۈدۈم.
يىغلاي قاقشاي ئۆتتى كۈنلەر ئازاپ جاننى ئالمىدى،
ئىت ئۈرەر كارۋان يۈرەركەن كەلگەن دەرتكە ئۆلمۈدۈم.
كۆرەلمەسلەر تىللاپ قارغاپ ئەجرىمنى ناھەق قارلىدى،
ھەقنى بىلمەس ۋىجدانسىزدىن ئادىل باھانى كۈتمۈدۈم.
جان ئاداش،سۆيگەن جانانلار يامان كۈنلەردە تاشلىدى،
مەن يەنە چىقتىم ۋاپادىن بىر رەت قولۇمنى ئۈزمۈدۈم.
يۇرت-مەھەللە بىر بولۇپ ئۆستەڭگە سۇ باشلىدى،
پۇچقاق تۈرۈپ سۇلار كەچتىم ئەلنىڭ كۆزىدىن يۈتمۈدۈم.
ياخشىغا بولدۇم ھاسا قەلبىم شۇ چاغدا ياشنىدى،
ئەيىپ ئالدىم يامانلىقنى يامان يوللاردا يۈرمۈدۈم.
خۇمسىلار شەھىگە كىرمەي مەيلى كىم يول باشلىدى،
پېقىر شۇنداق مەرت ئەركەك بولۇپ ياشاشتۇر ئۈمۈدۈم.
119 قېتىم كۆرۈلدى | pekir | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-9-30 14:35:20 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|