ئاخىر ھەممىگە كېرەكسىز بولدۇم
ھەمدۇللا ئابدۇراخمان (ئۇيغۇربېك)
مەن ھايات!
مېڭىۋاتىمەن كۆردۈڭلارمۇ؟
سىلەر ئۈچۈن
يېنىۋاتىمەن كۆردۈڭلارمۇ؟
ياق ، كۆرمىدىڭلار
كۆردىڭلار ، كۆرمەسكە سالدىڭلار.
توغرا كىم ئىدىم ...
سىلەر قارىغۇدەك،
نىمەم بار سىلەرگە يارىغۇدەك،
ئۆزۈمدىن كۆردۈم ،
سىلەردىن ئەمەس.
شام بۇلۇپ كۆيدۈم
كىملەر ئۈچۈن؟
ئاھ ئۇرۇپ يۈردۈم
كىملەر ئۈچۈن ؟
ئاقىۋەت ئۆلدۈم
كىملەر ئۈچۈن؟
ئىنساننى رازى قىلالىدىممۇ؟
مۇھاببەت ئىزدەپ تاپالىدىممۇ؟
توغرىسى
ئۆزۈمنى ئۆلتۈردۈم
يۈرەكنى يۇلۇپ ، يۈرەكسىز بولدۇم،
ئاخىر ھەممىگە كېرەكسىز بولدۇم !
چۈشەندىم!
ھەممىنى چۈشەندىم!
دۇنيانى چۈشەندىم!
ھەتتا ، ھەتتاكى
مىڭ يىل ئۇخلىغان
مومىيانى چۈشەندىم
ئەفسۇز...
ئادەمگە، ئادەم قەلبىگە
ئامالسىز قالدىم
ئەڭ ئاخىرى
زوۋانسىز قالدىم .
لېكىن ئۆگەندىم !
سۈكۈت قىلىشنى
يىغلاپ تۇرۇپ كۈلۈشنى ...
مەن ھايات !
يىغلاۋاتىمەن كۆردۈڭلارمۇ؟
يىغلاپ تۇرۇپ،
كۈلىۋاتىمەن كۆردۈڭلارمۇ؟
ياق كۆرمىدىڭلار ،
ئالدىڭلاردا ، مەن گۈدەك بولدۇم.
ھەتتا خارلىنىپ ئۆلگۈدەك بولدۇم .
پۇشايمىنىم بار .
ئۆزۈمنى سۆيمەي ، ئۆزگىنى سۈيۈپ
پەرۋانە بۇلۇپ كۆيگىنىم ئۈچۈن .
قەدرىمنى بىلمەي،خەق ئۈچۈن كۈيۈپ
قۇربانە بۇلۇپ ئۆلگىنىم ئۈچۈن.
ئاخىر ھەممىگە كېرەكسىز بولدۇم!
| 68 قېتىم كۆرۈلدى | uyghurbek | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-17 19:06:40 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|