جان ئاتا

جان ئاتا


دىلشات ئابدۇسەمەت


ئۆزۈڭ كۆرمەي زەررە ھالاۋەت،

ئۆستۈردىڭغۇ مىنى خان ئاتا.

چوڭ قىلغۇچە بىزلەرنى تەستە،

ھاردۇق يەتتى ساڭا جان ئاتا.


   ئۈلگە بۇلۇپ بىزلەرگە بۈركۈتتەك ئۇچتۇڭ،

زەپەر قۇچۇپ گاھىدا شەرەپلەر قۇچتۇڭ.

     دورىيالماي مەن سىنى باسالمىغاچ ئىزىڭدىن،

         سەن ئۇچقاندەك كۆكلەردە ئۇچالمىدىم جان ئاتا.


     سەن بولغاچقا تىك قەددىم بولمىدىغۇ پەس،

سەنلا باركى ياۋلارمۇ قىلالمىدى قەس.   

             سەن بولمىساڭ ھاياتتا ياشىمىقىم شۇنچە تەس،

ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن ساڭا جان ئاتا.  






448 قېتىم كۆرۈلدى guqung ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-30 16:36:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-10-1 17:25:53 ئ‍ەسلەيمەن
بەك ياخشى چىقىپتۇ ، ھارمىغايسىز
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ