خەتلىرىمنى ئوقۇمسەن ئانا
رۇستەم مەخەت
تۈندە يالغۇز يانغان چىراقتەك ،
ئاجىزغىنە يانىمەن شۇنداق .
دەرت ئەلەمنىڭ تەمىنى بىلدىم ،
چۈنكى كۆز ياش ئىكەن بەك قىرتاق .
كۆزلىرىمدىن قۇرىمىدى ياش ،
تارقىمىدى كۆڭلۈمدىن بۇلۇت.
ئاھ كەلمىدى ئەسلا ئورنىغا ،
قەترە قەترە ئوقۇسام دۇرۇت .
سەندىن باشقا غەمگۈزارىم يوق ،
غېرىپسىنىپ ياتسىراپ قالسام .
خەتلىرىمنى ئوقۇمسەن ئانا ،
مەن جەننەتكە سالام خەت يازسام.
2016-يىلى 3-ئاي
| 298 قېتىم كۆرۈلدى | rustam | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-3-3 12:17:24 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|