تەشنا دىلىم باغرىڭغا ئانا
سەيفۇللا ئابدۇراخمان
نە سەۋەپتىن بىلمىدىم،ئانا،
يىتىمچىلىك كەلدى بېشىمغا.
ئايرىلدىم مەن ئىللىق قوينىڭدىن،
يەتمەي تۇرۇپ ئىككى يېشىمغا.
***************
شۇندىن بۇيان ئاتالدىم يىتىم،
مىسكىن بولدى ھاياتلىق بېتىم.
يوق بولغاچقا مىھرىبان ئانام،
يىرتىق دائىم چاپىنىم،پىشىم.
***************
گەرچە دادام ياندا بولسىمۇ،
تەشنا دىلىم ئانا،باغرىڭغا.
قايتسام دەيمەن قوينىڭدا يېتىپ،
ئاق سۈت ئەمگەن ئاشۇ چېغىمغا.
***************
يەتتىم بۈگۈن يىگىت يېشىمغا،
بولدۇم يەنە ئاتا ئوغلۇمغا.
تەشنالىقتا تەلپۈنەر باغرىم،
سەن ئانامنىڭ ئوتلۇق باغرىغا.
***************
ئايرىلغاندا ئانا باغرىڭدىن،
جاھان يېرىپ قالغان ئۈنلىرىم.
تالاي كېچە ئەسلەپ ئانامنى،
كىرپىك قاقماي ئۆتكەن تۈنلىرىم.
***************
ئاچ قوينىڭنى ماڭا جان ئانا،
قېنىۋالاي مىھرىڭگە قايتا.
يۈزلىرىمنى يېقىپ يۈزىڭگە،
تۈنۈۋالاي ئۆزۈڭنى قايتا.
***************
دىل تۆرىڭدە جانىم ئەي ئانا،
مەن بالاڭغا باردۇر مۇھەببەت.
ئۇنتۇمىدىڭ مېنى ئەزەلدىن،
سېغىنىشتىن چەكتىڭ رىيازەت.
***************
كەلسە تاماق ئالدىڭغا ئانا،
مېنى ئويلاپ قالغانسەن شۇدەم.
چۈشلىرىڭگە كىرسەم گاھىدا،
يوللىرىڭغا باققانسەن دەم-دەم.
***************
باغرىڭ ئەسلى مىھرىبان، يۇمشاق،
دىلىڭ گۈيا چېچىڭدەك ئاپپاق.
بولسام دەيمەن دەردىڭگە دەرمان،
بىرگە تۇرۇپ ياشىساق ئۇزاق.
2016-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۇنى
| 110 قېتىم كۆرۈلدى | سەيفۇللا ئابدۇراخمان | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-13 0:57:44 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|