نەۋرۇز كېلىپ (شېئىر) - تاھىر مۇھەممەد مەشئەلى

 نەۋرۇز كېلىپ
تاھىر مۇھەممەد مەشئەلى

كەتتى ئاياز خوشلاشتى ھوت، نەۋرۇز  كېلىپ،
كۈلدى ئەل شاتلاندى  خوشنۇت  نەۋ رۇز كېلىپ،
يىل بېشى،ئىشنىڭ بېشىدۇر  ئۇشبۇ كۈن،
ھەر كۆڭۈلدە بىر  ئۈمىد، نەۋرۇزكىلىپ.

چوڭ قازاندا قاينىدى نەۋرۇز ئېشى،
چوڭ كىچىك ئۇسۇل سامادا ھەر كىشى،
غەم ئەمەس چاناقتىكى شادلىق يېشى،
باش باھار ئايەم بۈگۈن نەۋرۇزكىلىپ.

چەۋەندازلار بەيگىدە قىقاس سالار.
سارغايدىدا قىز جۇۋانلار پىرقىرار،
تال چىۋىقتا ئات چاپار شوخ بالىلار،
شادلىقى دىلغا ھۇزۇر نەۋرۇز كىلىپ.


دېھقان ئاكام توۋلايدۇ ناخشاشاتلىنىپ،
دولىدا كەتمەن ئېتىزغا ئاتلىنىپ،
ھوسۇلى مېھنەت تەرىدە پاكلىنىپ.
ئەلگە نېھمەت سۇنغۇسى نەۋرۇزكىلىپ.

پوتلا چىقاردى ياش كۆچەتلەر بىخ سۈرۈپ،
سايرىدى بۇلبۇلمۇ شاد خەندان ئۇرۇپ،
جۇت شىۋىرغان ئىشىكىگە سالدى قۇلۇپ،
باش باھارنىڭ ئەركىسى نەۋرۇز كېلىپ.
2017-3-19

ئاپتور، غۇلجا شەھەر بايانداي بازىرىدىن.
     





293 قېتىم كۆرۈلدى maxali1 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-20 15:54:55  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ