بىلىپ قال (شېئىر) - تۇنساگۇل ئىسمائىل

بىلىپ قال

تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)


دىلدىن سۆيسەم چۈشەنمىدىڭ بىلپ قال،
پاك سۆيگۈمگە ئىشەنمىدىڭ بىلىپ قال.
سەبىي كۆرۈپ تاشلىۋەتتىڭ  بىلىپ قال،
ئىشەنچىمنى خارلىۋەتتىڭ بىلىپ قال،
ئەخمەق قىلىپ ئالدىۋەتتىڭ بىلىپ قال.

جاندىن ئەزىز كۆرگەن ئىدىم كۆيەتتىم،
جان سورىساڭ ئىككىلەنمەي ئۆلەتتىم.
ئىشەنمىدىڭ چىن دىلىمدىن سۆيەتتىم،
ئەسلى بۇنداق دەتمەنلەردىن ئەمەستىم،
سەنمۇ مەندەك دەت تارتىسەن بىلىپ قال.

مىنى تاشلاپ باشقا يارنى سۆيۈپسەن،
خىجىل بولماي ئۆز يارىڭدىن تېنىپسەن،
قولتۇقلۇشۇپ ئۆزگە بىلەن مېڭىپسەن،
بىلمەپتىمەن ئەسلى ساختا كۆيۈپسەن.
ئۆتنە جاھان تاشلىنىسەن بىلىپ قال.

تاشلاپ كەتتىڭ سېلىپ تالاي ئازاپنى،
تېپىۋاپسەن مەندىنمۇ بەك«ئوماق»نى.
ئارتىۋالدىڭ ۋاپاسىز دەپ ئاتاقنى،
ئايرىمىساڭ ياخشى بىلەن ياماننى،
توزغاق كەبى سورۇلىسەن بىلىپ قال.

سېغىنىشتا بارغان ئىدىم يېنىڭغا،
چۈشەنمەستىن ئازار بەردىڭ دىلىمغا.
كۆڭلۈم يېرىم ماڭغىنىمدا يولۇمغا،
ئېسىلمىدىڭ توختىغىن دەپ قولۇمغا،
سەنمۇ ھامان زارلىنىسەن بىلىپ قال.

جاندىن ئۆتتى ئەخمەق قىلىپ يۈرگۈنۈڭ،
قونچاق كۆرۈپ ماڭا ساختا كۆيگۈنۈڭ.
ئەلەم بولدى يالغانلارچە سۆيگۈنۈڭ،
ياشىغاندىن ياخشى بولۇر ئۆلگۈنۈڭ،
سەنمۇ بىر كۈن ئالدىنىسەن بىلىپ قال.

كەچۈر دىمە كەچۈرۈش يوق قەلبمدە،
زەپ قىينىدىڭ نىمجان بولدۇم دەردىڭدە.
ئەركەك تۇرۇپ تۇرالمىدىڭ ۋەدەڭدە،
ئېچىنمايمەن كۆيگەن گۇناھ ئۆزەمدە،
سەنمۇ مەندەك خارلىنىسەن بىلىپ قال.

-تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)
-2017-يىلى2-ئاينىڭ24-كۈنى(جۈمە)
     





24 قېتىم كۆرۈلدى تۇنساگۇل ئىسمائىل ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-26 5:49:35  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ