كۆزلىرىڭنى ئ‍ېپ قاچما نىگار

كۆزلىرىڭنى ئ‍ېپ قاچما نىگار

 

ئەلىجان

 

 كۆزلىرىڭنى ئ‍ېپ قاچما نىگار

 تەلمۈرگەندە گۈزەل چېھرىڭگە،

شەبنەم كەبى سىڭسەمكەن دەيمەن ،

 سۈبھى تاڭدا ئ‍ايدەك يۈزىڭگە.

 

 كۆزلىرىڭنى ئ‍ېپ قاچما نىگار ،

 ھەمدە قاچۇرما مەندىن ئ‍ۆزۈڭنى.

 ئ‍اڭلسام دەپ بىتاقەت ھەر چاغ،

 يۈرەك يېرىپ ئ‍ېيتقان سۆزۈڭنى ·

 

 كۆزلىرىڭنى ئ‍ېپ قاچما نىگار،

 ئ‍ۇچراشسا گەر كۆزۈم سەن بىلەن .

 مۇھەببەتتىن پۈتۈكلەر يازساق،

 بېغىمىزدا كۈلەتتى چىمەن .





218 قېتىم كۆرۈلدى alijan ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-30 13:18:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-2-8 10:49:18 ئ‍ارزۇ
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ
2016-2-5 23:37:01 abdulla
bop kaldikan bak kiska bop kaptu
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ