دادام يوق
زۈلەيخا قەلىمىدىن
مىنى باققان ئەزىزلەپ قەدىردانىم دادام يۇق ،
يىقىلساممۇ يىنىمدا يۈلەيدىغان دادام يۇق .
قالسام ئەگەر مۇڭلىنىپ قارا تۈننىڭ قوينىدا ،
مەن بىلەن تەڭ جودۇندا تۈنەيدىغان دادام يۇق .
يۈرۈكۈم توق يۈرەتتىم تاغدەك ئاتام يىنىمدا ،
مەدەت بىرەر بالام دەپ قاۋۇل تىرەك دادام يۇق .
غەملىرىمنى ئۇ يىگەن كەملىرىمنى بار قىلىپ ،
سامالاردا ئۇچساممۇ سۇنماس قانات دادام يۇق .
ئۆيلىرىمىز باياشات كۈلكە چاخچاق ئۈزۈلمەس ،
بەرىكەتلىك داستىرخان دۇئا قىلار دادام يۇق .
قىرىنداشلار زەپ ئىناق بىر بىرىگە قول قانات ،
دانا پىكىر سۆز بىرەر مۈتىۋەرىم دادام يۇق .
ھەشەمەتلىك ئۈيلەرنىڭ يارىشىغى ئۇ شۇنداق ،
ئائىلىنىڭ سولتانى مىھرى ئىللىق دادام يۇق .
تاغدەك غەملەر باسسىمۇ يەلكىسىنى تىك تۇتۇپ ،
چاندۇرمىغان بىزلەرگە مەرىت مەردانە دادام يۇق .
كەلسە ئۇلۇغ ھىيىت ئايەم جەم بولاتتۇق شادىمان ،
خوشلىقىدا بىز ئۈچۈن پاخلان سويار دادام يۇق .
شەربەت كەلسە ئالدىغا بىزلەر ئۈچۈن قىسىنىپ ،
تىتىپ باقسۇن بالام دەپ ئىلىپ قويار دادام يۇق !
دادامنىڭ بىر يىللىق ۋاپاتىغا بىغىشلايمەن !
2016.12.13
| 92 قېتىم كۆرۈلدى | زۈلەيخا | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-25 0:20:09 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|