دوستۇڭمەن
ئاپتۇرى: ئابدۇرسۇل ئەزىز
سەبىلىكتە غەمسىز ئۆتكەن ،
بالىلىقتى دوستۇڭمەن .
تال چىۋىقنى ئات ئىتىپ،
ئويناپ كۈلگەن دوستۇڭمەن.
سۇلار كىچىپ ئېرىقلاردا،
قۇم ئوينىغان دوستۇڭمەن.
قىلغىن گىپىڭ خاتا بولسا ،
توغرا بىلگەن دوستۇڭمەن.
چالغان دېپىڭغا ئۇسۇل ئويناپ،
چاڭ چىقارغان دوستۇڭمەن .
كەينىمدىن قىلغان سۆزۈڭگە ،
ئىشەنمىگەن دوستۇڭمەن .
يوقاپ كەتسەڭ ئايلارمۇ ،
ئەسلەڭ تۇرغان دوستۇڭمەن.
ئىزدەپ بېرىپ قېشىڭغا ،
زىرىكتۈرگەن دوستۇڭمەن.
ئاق قەغەزدەك قەلبىمگە ،
ئىسمىڭنى ئويغان دوستۇڭمەن.
چىن دوستلۇق باغىغا ،
كۆچەت تىككەن دوستۇڭمەن.
ئاغرىپ قالساڭ بىتاپ بوپ ،
يوقلاپ تۇرغان دوستۇڭمەن .
كۈن چۈشكەندە بېشىڭغا،
سايە بولغان دوستۇڭمەن.
| 165 قېتىم كۆرۈلدى | RuSuL | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-9-8 1:07:52 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|