تەمبۈرۈم

تەمبۈرۈم

 

 ھەر بارە يۈرەكنى چىكەر تەمبۈرۈم،

 مۇڭىدىن قەسىدە پۈتەر تەمبۈرۈم.

 ئ‍ىيتىمەن سازلارنىڭ شاھى،تاجى دەپ،

 ئ‍ەڭ گۈزەل كۈيلەرنى تۈكەر تەمبۈرۈم.

 

 نىچۈندۇر ئ‍ازاپلىق بىر ناۋا ئ‍ەيلەر،

گاھ شىىرىن تۇيغۇمدا ئ‍ۆزەر تەمبۈرۈم.

بەزىدە ھەركىمگە بولۇپ لىرىكا،

 شىرىن بىر لەززەتنى بىرەر تەمبۈرۈم.

 

 بەزىدە ھەسرەتۇ-قايغۇ بىغىدا،

 ئ‍ازاپلىق بىر خىيال سۈرەر تەمبۈرۈم.

 ھەر كىملەر ھەرخىيال بىلەن بەنىتتۇر،

 چۈشەنسە ھەر دىلنى سۆيەر تەمبۈرۈم.

 

 نىمىگە مۇنچىلا غىرىپ كۈيچىسەن؟

 يىغلايمەن بەزىدە بىلەر تەمبۈرۈم.

 خىيالىم بەرگىدە تۇرىدۇ يالغۇز،

 ئ‍اھ نىچۈن يىغىدەك كىلەر تەمبۈرۈم.

 

 ئ‍ۆزقىر شىئىرى





136 قېتىم كۆرۈلدى ئ‍ۆزقىر ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-21 10:25:39  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ