*** ھەسرەتلىك سۆيگۈ ***
سۇلايمان«ئەلتېكىن»ئاۋات
تۈنلىرى سىمايىڭ كەتمەيدۇ نېرى،
قولۇمدا سۈرىتىڭ ، ئۈمىدلىك بېقىپ.
مىڭ ھەسرەت ئىچىدە تۇتىمەن قەلەم،
زارىقىش دەستىدە ياشلىرىم ئېقىپ.
دەپتەرنىڭ بېتىدە يەنە شۇ چىراي،
ئۈنچىلەر تىزىشقا بارمىدى قۇلۇم.
سىڭىپسەن راستىنلا تۇمۇرلىرىمغا ،
سېنىڭسىزمۈشكۈلدۇر ھاياتلىق يۇلۇم.
چىقمايدۇ ئېسىمدىن ۋىسال دەملىرى ،
قەلبىمدە ئۇرغىتىپ سۆيگۈ نىداسى.
دىدارغا تەشنامەن ،سەن يېنىمدا يوق ،
ھەمرا بوپ قالغىنى ئەلەم ساماسى.
ئۆتسىمۇ ئارىدىن شۇنچە ئۇزۇن يىل.
ياشىدىم سۆيگۈڭگە بۇلۇپ ئىنتىزار.
بىلەمسەن: يۈرىگىم سوقار سەن ئۈچۈن ،
تېۋىنىپ مېھرىڭگە ھەرئان بىقارار !؟
2016.9.21
| 54 قېتىم كۆرۈلدى | سۇلايمان«ئەلتېكىن»ئاۋات | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-3 0:17:00 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|