ئەي لېۋەن
(غەزەل)
تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى
(شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى )
-ئىشقىڭدا ئۆرتەندىم !-دېدىڭ ،جانانە ئەتتىڭ ئەي لېۋەن ،
مۇپتىلالىق مەنزىلىدە مەستانە ئەتتىڭ ئەي لېۋەن .
باغرىمدا ياندى ئىشتىياق ،پۈتمەس بالابولدى ئىشىق ،
ئايلىنىپ نۇرلۇق چىراققا پەرۋانە ئەتتىڭ ئەي لېۋەن .
توۋا ،ئەسىردىنمۇ ئۇزاق تۇيۇلدى قىسقا ئايرىلىش ،
دەستىدەدەردۇ -ئەلەمنىڭ نىمجانە ئەتتىڭ ئەي لېۋەن .
ئوي -خىيالىم بىرلا سەندە دەرگاھىڭغا تەلمۈرۈپ ،
تۇتىيا ئەيلەپ دېدارىڭ ،دىۋانە ئەتتىڭ ئەي لېۋەن .
سارغىيىپ چېھرىم ساماندەك زەپ قىينىدى تىلسىز ئازاپ ،
ئىنتىزارلىق تەشۋىشىدە غەمخانە ئەتتىڭ ئەي لېۋەن .
بەرمىدىڭ دېرەك ۋىسالدىن ئالۋۈنغا ئايلاندى قەسەم،
داغۇ -ھەسرەت دەشتلىرىدە سەرسانە ئەتتىڭ ئەي لېۋەن .
ياشنىغان توغراق مىسالى بەردەم -تېمەن ئەركەك ئىدىم ،
چاكۇ -چاك ئەيلەپ يۈرەكنى مىڭ دانە ئەتتىڭ ئەي لېۋەن .
يات تۇرۇپ ئەھلى ۋاپاغا لەۋزىڭنى ئۇپراتتىڭ نىچۈن ؟
ياندۇرۇپ مېھرىمگە تەستەك ھەيرانە ئەتتىڭ ئەي لېۋەن .
قىلساڭ رىيا ،بىلمەي راۋا كۆرگەچكە مەجنۇنلۇقنى مەن ،
خەلقى ئالەم سۆھبىتىدە ئەپسانە ئەتتىڭ ئەي لېۋەن !...
ئاپتور :بورتالا شەھەرلىك رادىئو -تېلىۋېزىيە ئىدارىسىدىن
2017.2.6
| 3483 قېتىم كۆرۈلدى | xeydayi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-14 20:49:58 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|