مىنىڭ بەخىتلىكىم چۈش ئەمەس (نەسىر) - ئابلىمىت ئابلا

مىنىڭ بەخىتلىكىم چۈش ئەمەس
ئابلىمىت ئابلا


قۇياش ئىللىق نۇرىنى سېخىيلىك بىلەن زىمىنغا  چاچماقتا. مەيىن شامال دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى لەرزان ئۇسۇلغا سالماقتا،ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە شۇنچە ئىللىق، مەن ئۈچۈن كۆتۈرلىۋاتقان قۇياش، مەن ئۈچۈن تەۋرىنىۋاتقان يوپۇرماق، مەن ئۈچۈن چىقىۋاتقان شامال،مەن ئۈچۈن ئاھ ئۇرىۋاتقان ئادەملەر،ئىشقىلىپ ھەممە خۇددى مەن ئۈچۈنلا ،شۇڭا مەن بۇدۇنيادا بەخىتلىك ،ھەم خۇشال ياشاۋاتىمەن ،بىزنىڭ دۇنيادىدىن ئاغرىنشقا يەنە نىمە باھانىمىز بولسۇن ،دۇنيانىڭ بىز ئۈچۈن قىلغانلىرى ھىلى ھەم ئارتۇقچە ،شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھاياتقا ،ھاياتىمىزغا مەسسئۇل بولىشىمىز كىرەك .تىرىشىپ ئۆزىمىزنىڭ ۋە ئۆزگىلەرنىڭ دۇنياسىنى چۈشىنەيلى ،تەبىئەت دۇنياسى ،روھى دۇنيا،ئاخىرەتتىكى دۇنيا ،بىز مانا مۇشۇ ھاياتىمىزدا ۋە باشقا پاسسىپ ھاياتىمىزدا بىسىپ ئۆتىدىغان دۇنيالار ھىساپلىنىدۇ ،ھەر بىر دۇنيا بىز ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك ،ھەر بىر دۇنيانىڭ «ئۆزگىچىلىكى»ئاخىردا «ئۆزگىچە»ئادەملەرگە ئۆزگىچە قىسمەت بىرىدۇ ،دوستۇم بىزلەر ئۆزگىچىلىكىمىزنىىڭ يۆنىلىشىگى ئالاھىدە دىققەت قىلساق ،ھەر بىر دۇنيادىن ئىرىشىدىغىنىمىز چوقۇم ھەقىقىي بەخىت بولىدۇ ،كىشىلىك ھاياتتا ئادەمنى ياخشى ياشاشقا دالالەت قىلىدىغان، ئادەمگە جاسارەت ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىدىغان بىر مەنىۋى كۈچ بار. ئۇ بولسىمۇ ئۈمىد.بىز  ئۈمۈدلۈك ئىنساننىڭ ئۈمىدلىك باللىرى ،ھۈجەيرىمىزدە ئۈمىد دولقونلىماقتا !
ئۆز-ئارا مۇھەببەت بولسىا ئەگەردە،
ھەسرەتلەر ئورنىدا ياڭرىسا كۈلكە.
ياشاشنى ئۆگەنسەك ئۆز ئارا دوستۇم،
بۇ ھايات شۈنچىلىك گۈزەل ئەسلىدە.
پىكىرىمنى مۇشۇنچە يورۇتاي ھەممىمىز ھاياتقا بولغان چەكسىز مۇھەببەت ھەم تەلپۈنۈشلىرىمىز بىلەن ھاياتىمىزنى ،بارچە ھاياتلىقىمىزنى،بىز ئۈچۈن «ھايات» ھىساپلىنىدىغانلارنى  قەدىرلەيلى.ھايات ئىنسانغا پەقەت بىرلا قىتىم كىلىدۇ ،ھاياتتىن ھۇزۇرلۇنۇش تۇيغۇسى ئىنسان ئۈچۈن ئىنتايىن قەدىرلىك ،گۈللەر قۇياشتىن ھۇزۇرلىنىدۇ،كىپىنەك گۈللەردىن ھۇزۇرلىنىدۇ،ئىنسانلار گۈلدىن ھۇزۇرلىنىمىز ،ئەڭ ئاخىردا ھەقىقىي ھۇزۇر ئالغۇچى يەنە بىز ئىنسانلار ، بىزمۇ ئۆزھۇزۇرلىرىمىزدىن  باشقىىلارنى ھۇزۇرلاندۇرىشىمىز كىرەك ،ھاياتلىقنىڭ داۋاملىىشالىشى   ماناشۇنداق بەھىرلىنىش ھەم بەھىرلەندۈرۈشتە ،ۋاقىت بىز ئۈچۈن تولىمۇ رەھىمسىز ،ئۇدائىم ئۈنتىنسىز كىتىدۇ ،ۋاقىت ئۇ يەنە تولىمۇكەڭ قورساق ،ئۇ دائىم بىزگە ئۈنتىنسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرىدۇ .بىز بۇ رېئال دۇنيادا تۈرلۈك ئارزۇ-ئىستەك، ئۇلۇغۋار ئارمان، گۈزەللىك ۋە سۆيگۈگە ئوخشاش تولىمۇ نەپىس، تولىمۇ بۈيۈك تۇيغۇلارنىڭ ئىچىدە ياشايمىز. تەسەۋۋۇرىمىزدا رېئاللىقتىكى سىرلىق كۈچلەرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان، ئەڭ يۈكسەك ئارزۇ-ئىستەك يالقۇنى، غەيرەت-شىجائەت، قىزغىنلىق ۋە مەسئۇلىيەتنىڭ نۇرلىرىنى سان-ساناقسىز ئىجادىيەتلەر ئۈستىگە چاچىمىز، مانا بۇ ۋاقىت ئىچىدىكى ھايات.مەيلى بىز قايسىخىل دۇنيادا قانداق ياشايلى بۇ بىزنىڭ توغرا ئىددىيىمىزگە باغلىق، ئىددىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ دىگەنلىك بۇدەۋىر ئىقىمىدىكى سۆز بولۇپلا قالماستىن ،مەن ئويلايمەن ھەرقانداق دەۋىرگە ماس كىلىدىغان ئومۇمىي ئۇقۇم .
كۆزلىرىمدە چاقنار كەلگۈسى،
چۈنكى تۇتاش بولغاچقا ئۈمۈت.
نېمە ئەمەس سەن بىر نىشانىم،
تىرىشمايمەن دېمىگىن ئادەملەر .
ھاياتىمىز بىزگە تولىمۇ ئامراق ،بىزنى دەۋىردىن - دەۋىرگە ياخشى ياشىسۇنلا دەيدۇ ،ئويلاپ باقايلى ياخشى ياشاش دىگەن نىمە؟بىز ياخشى ياشىيالىدىقمۇ ؟جەمىيەت ھازىر ھاياتى كۈچكە تولدى ،بۇھاياتى كۈچ  بىز نىڭ كۈچىمىزگە قىتىلماقتا ،يەنى تەبىئەت دۇنيارىمىزغا، روھى دۇنيارىمىزغا سىڭىپ كىرمەكتە، بەزەنلىرىمىزگە بۇخىل كۈچ ماس كىلدۇ، ئەكىسچە يەنە بەزەنلىرىمىز بۇ كۈچنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ قالىمىز ……
مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا بۇخىل زەربىلەرگە تاقابىل تۇرۇش بىزنىڭ ئالاھىدىلىكىمىزگە ئايلىنىشى كىرەك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە گۈزەل غايىۋى ھاياتقا ئىنتىلىدىغان ئۈمىد بولۇش بىلەن بىرگە، ھىكمەتكە تولغان ھازىرقى ھاياتىمىزنىڭ قەدىرىگە يىتىشىمىز لازىم ،ھاياتلىق بىر مۆجىزە، بىزلەر دەل مۆجىزىلەر يارقىن ئىپادىسى .

2015.4.2
     





251 قېتىم كۆرۈلدى urtanma ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-24 1:57:29  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ