ناتۇنۇش سۆيگۈ - تۇرسۇنجان قايىم

 ناتۇنۇش سۆيگۈ

ناخشا تېكىستى
ئاپتۇرى:تۇرسۇنجان قايىم «ئىقبالى»

ئۇنۇتتۇڭمۇ خەۋەر بەرمەيسەن،
سۆيگۈمىزنىڭ شامى ئۆچتىمۇ.
مۇھەببەتنىڭ شاھىدى بولغان،
پاك ئەقىدەڭ دىلدىن كۆچتىمۇ.

سەن پەرۋاسىز كەتتىڭ يىراققا،
قويدۇڭ مېنى ھىجراندا داغدا.
بەرگەن كۆڭلۈڭ ئىكەنغۇ ساختا،
خەير ئەمدى ناتۇنۇش سۆيگۈ.

مۇھەببەتتە كۆزۈم كور بولدى،
بۇ قەلبىمگە دەرتلىرىڭ تولدى.
سېنىڭ ئۈچۈن بۇ يۈرەك ئۆلدى،
خەير ئەمدى ناتۇنۇش سۆيگۈ.

         2016.12.1
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ، نامسىز تارقاتماڭ ، ئىشلەتكۈچىلەر ئالاقلىشىڭ

ئۈندىدار 1934220673
     





73 قېتىم كۆرۈلدى ihbali ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-1 11:56:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ