بىۋاپا (شېئىر)
كىرەمجان
ياشىغانتىم بىر ئۆزۈڭگە شەيدا بوپ،
تاشلىدىڭ سەن ئۆزگىلەرگە ئاشنا بوپ.
ئىشەنمەسمەن مۇھەببەتتە ۋاپا يوق،
بىغۇبار چىن يۈرەگىمگە تەگدى ئوق.
تىلىگەنتىم سۆيگۈمىزگە نىكاھنى،
كۈتكەنلىرىم خىيال كەبى يوق بولدى.
بىلمىدىڭمۇ كۈتسەم شۇنچە يىراقنى،
يۈرەكلىرىم لەختە-لەختە قان بولدى.
يۈرەگىمنى پارە قىلىش ئويۇڭمۇ؟
ئايرىلغاندا سۇئالىمغا جاۋاپ يوق.
ئاشىق ئۈچۈن بۇ ئەلەملەر سىناقمۇ؟
خاتالاشتىم بەلكىم سەندە گۇناھ يوق.
ئۇنتاي دىدىم كەتمىدى شۇ سىمايىڭ،
بولغان ئىدىڭ دەردلىرىمگە دەرمانىم.
ئايرىلمايمىز مەڭگۈگە دەپ ئىيتقانتىڭ،
شۇ مىنۇتلار يۈرەگىڭدە بارمۇ-يوق؟
ئىيتقىن ماڭا يالغان كۆيۈپ يۈرگەنمۇ؟
دەرتتە قويۇپ تاشلاش ئۈچۈن سۆيگەنمۇ؟
قىلغانلىرىڭ ئىشىپ-ئۆتتى جىنىمدىن،
ئىيتقىن مەندىن بىرەر گۇناھ ئۆتكەنمۇ؟
155 قېتىم كۆرۈلدى | kiramjan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-27 22:58:56 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-3-31 1:55:21 | كىرەمجان |
ئەگەر ناخشا تىكىستىگە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئالاقە ئۈندىدارى:kiram177 |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|