ئايالمەن (ساتىرا)
ئاپتۇرى: ھەسەنجان ئۇچقۇن
.........................................
باققان ئىدى جان ئانام بېرىپ بارچە مېھرىنى،
باققان ئىدى ئاتاممۇ كۆرسەتمەستىن جەبىرنى.
قارچۇقىدەك ئاسىراپ كەلگەن ئەركە قىزىنى.
جاپالاردا ھالسىراپ قورۇق باسقان چېھرىنى.
چوڭ بولساممۇ ئەجرىنى قايتۇرمىغان ئايالمەن!
.........................................
مەن جەمئيەت ئالدىدا مودىلىقنى قوغلاشقان،
گىرىملىرىم نەچچە خىل چىرايىممۇ قاملاشقان.
كېيىملىرىم ئېسىلدۇر گۈل بويۇمغا ماسلاشقان،
ھەسەت قىلىپ ئۆزگىلەر ماڭا قارا چاپلاشقان.
يېرىم-يارتا كىيۋىلىپ تولغاپ ماڭغان ئايالمەن!
...........................................
خەلقى ئالەم ئالدىدا ھەقىقەتنى ياقلايمەن،
قارا نىيەت كۆڭلۈمنى ئۆزۈم دائىم ئاقلايمەن.
ئىشەندۈرۈپ سۆزۈمگە ناكەسلىكنى باشلايمەن.
ئالداپ گاھى يۇۋاشنى قارا كۆزىنى ياشلايمەن،
ئەنە شۇنداق خەلقىمگە نەشتەر بولغان ئايالمەن!
...........................................
كىلىپ قالسا قاتارچاي جانلىنىدۇ جانلىرىم،
كىلىپ قالسا ئامىتىم ئۇرغۇپ كىتەر قانلىرىم.
لىق تولىدۇ ئەمەسمۇ پۇلغا مىنىڭ يانلىرىم،
كۆرۈنمەيدۇ كۆزۈمگە سەبى-گۆدەك باللىرىم.
قاتارچايغا بۇرۇندىن كۆنۈپ قالغان ئايالمەن!
.........................................
كىمدۇر قىلسا نەسىھەت سىغمايدىغۇ كۆزۈمگە،
ئەسلا بويۇن ئەگمەيمەن قائىدىگە تۈزۈمگە.
ھەيران بولماڭ خالايىق مېنىڭ ئۇشبۇ سۆزۈمگە،
تەييار مەندۇر بىلسەڭلار دۇنيا ئۈچۈن ئۆلۈمگە.
نەسىھەتلەر سورىنىدىن يىراق قاچقان ئايالمەن!
.........................................
سورۇنلاردا بۇلبۇلدەك ئوقۇيدىغان خېتىم بار،
تۈن كېچىلەر ياتاقتا ئۆلمەيدىغان جېنىم بار.
پۇلى كۆپنى ئازدۇرۇپ ئەپلەيدىغان ئېپىم بار،
دۇنيا دىسە ھارماستىن چاپىدىغان ئېتىم بار.
قارايولغا ئات بولۇپ چېپىپ ماڭغان ئايالمەن!
..........................................
كوت كوت ھەم ئۈندىدار: 731725280
2016 - يىلى12 - ئاينىڭ 20-كۈنى گۇۋاڭجۇ
903 قېتىم كۆرۈلدى | hasanjanuqk | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-21 23:50:19 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|