كۈنلۈك تۇتقان قىز - ئابدۇراھمان ئابدۇللا
كۈنلۈك تۇتقان قىز
 
ئابدۇراھمان ئابدۇللا
 
كۈنلۈكۈڭنى كۆتۈرۈپ ئېگىز،
كۈن نۇرىغا قىلىسەن دالدا.
قۇياش كەبى كۆيدۈرۈپ جاننى،
 ئۆزۈڭ يالغۇز كېلىسەن يولدا.
 
ئاپتاپنىغۇتوسارسەن دىلدار،
كۈنلۈك تۇتۇپ.ئۆزۈڭ قاچۇرۇپ.
سۆيگۈمنىمۇ توسامسەن شۇنداق،
قاپاق تۈرۈپ، قاشنى ئۇچۇرۇپ.
 
سۆيگۈم مەڭگۈ ئۈزۈلمەس ئېقىن،
قىرغىقىڭغا ئۇرۇلۇپ ئاقار.
تاقاپ قويساڭ ئىشىكلىرىڭنى، 
تۈڭلۈكۈڭدىن يامغۇر بوپ ياغار.





40 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇراھمان ئابدۇللا ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-6 23:55:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ