روبائىيلار
مەردان شاھ خۇشخۇي
چوڭ تۇتما ئۆزۈڭنى بولما تەكەببۇر،
دەرەخ ئىدى كۆتەكمۇ ، قىلغىن تەپەككۇر.
ياشىرىپ تۇرسىمۇ گەرچە بىر مەھەل،
ئاخىرى ئۇچاقتا كۈيۈپ كۈل بۇلۇر.
*** *** *** ***
قاقشىما قىزلاردىن ھايا كەتتى دەپ،
نە ئامال ئەركەكنىڭ غۇرۇرى كەتسە،
ئەر بولسا ۋاپاسىز، بىغەم زەيپانە،
ئاقىۋەت مىللەتنىڭ ھالى ۋەيرانە.
*** *** *** ***
كىملەرنىڭ ئىشقىدا بولدۇق كۈيۈپ كۈل ،
كىملەرگە ھەم سۇندۇق قىزىل ئەتىرگۈل.
دوسلۇرۇم مېنىڭدىن بولماڭ ھەيرانە،
گاھى زار گاھى خار ساراڭكەن كۆڭۈل.
مەردان شاھ خۇشخۇي
| 42 قېتىم كۆرۈلدى | huxhuy | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-16 1:44:50 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|