ھېچ كىشى كۆيمەس ئانامدەك
مۇھەممەت ئىمىن قەدەم
ھېچ بىركىشى مىھىر بەرمەس ئانامدەك ،
روھ سىز تەنگە ئۇزۇق بولماس ئانامدەك .
غېرىپ بولسام ھاياتنىڭ مۈشكۈل يولىدا،
كىشى مەلھەم بولماس غېرىپقا ئانامدەك.
نۇر چىراغ بولالماس، ۋاپادارمۇ ئانامدەك،
يۈلەكسىزگە يار يۈلەك بولماس ئانامدەك .
تۇمۇزلاردا، چاڭقىغاندا، سۇسىز داۋانلاردا ،
مىھىر بىلەن سايا بەرمەس كىشى ئانامدەك.
كور بولغان كۆزلىرىمنى يۇرۇتۇپ مىنىڭ ،
شام چىراغ بولماس ۋاپادارمۇ ئانامدەك.
بىرىكىلىپ جانىم پىدا دىسە مەن ئۇچۇن ،
بىر ئۆمۇرپىدا قىلالماس ھاياتىنى ئانامدەك .
يالغۇزبولسام، جۇدۇنلاردا يالغۇز قالسام ،
يوللار كۆرمەي كۆزلۈرۈم تەمتىلەپقالسام.
ھايات يولومدا جاپالاردا يۆلەكسىز قالسام،
ھېچ بىر كىشى يۈلەك بولماس ئانامدەك.
2016.11.23pm
| 104 قېتىم كۆرۈلدى | kadam | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-24 1:14:47 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|