غىرىپ بالا
ئابدۇللا كامال(گۇما)
2098738086
ياقا يۇرتتا غېرىب بىر بالا،
ئاللىقانداق خىيالغا پاتقان.
باشقا شەھەر ناتونۇش دۇنيا،
گاھ ياتسىراپ بۇلۇڭدا ياتقان.
پەرۋازىدا جاھاننى كىزىپ،
خىياللىرى يۇرتىدا تامان.
سەرسانلىقتا ئۆرتىنىپ قەلبى،
كۆتىرىدۇ تەقدىرگە ئىسيان.
كىيىملىرى رەڭگى يوقاتقان،
قوللىرىنى جاراھەت باسقان.
غىرىپلىقتا پارە يۈرىكى ،
سەبي كۆزىگە يىغا ياماشقان.
يۈزلىرىنى كىر توڭۇر باسقان،
گويا ھىلى پاتقاقتا ياتقان.
ئىچىرقىغان يالماۋۇز كەبى،
مەڭزىدە توپ چىۋىن قاينىغان.
ئىرىقىدىن ئىچكىسى كىلەر ،
لاي سۈيىنى يۇرتىدا ئاققان.
ئەلا بىلەر ياتنىڭ تەختىدىن،
ئۆز سەھرىدە توپىدا ياتقان.
سەرسانلىقتا ئۆتكەن سەبىيلىك،
مۇشەققەتتە قوللىرى قاتقان.
ماكانسىزلىق دەستىدىن قانچە،
كۆزىدىن ياش تاراملاپ ئاققان.
كەتتى ھەممە ئۆيىگە ئاخىر،
كۈنمۇ تاغنىڭ كەينىگە پاتقان.
ئەمما يوقتۇر ئۇنىڭغا نە ئۆي،
ئەسكى كەپە جىن چىراق ياققان.
ئەللەر كەتتى شىرىن ئۇيقىغا،
سەرسان بالا خىيالدا ياتقان.
ماكانسىزغا راھەتمۇ ئۇيقۇ ،
تالاي تاڭلار ئۇيقىسىز ئاتقان.
كىم چۈشەنگەن كىملەر چۈشىنەر،
يات ئىشكىدە بوينىنى قىسقان.
ماكانسىز بوپ تۆرەلگەچ ھەتتا،
يىقىن دوستى تويىنى بۇزغان.
2016-9-10
ئەزىز قىرىندىشىم، ئەسەرلىرىمنى ياقتۇرغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر، ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىپ، نامىمنى ئۆچۈرمەڭ ياكى نامىڭىزغا كۆچۈرمەڭ. ھۆرمەت بىلەن ئابدۇللا.
188 قېتىم كۆرۈلدى |
ئابدۇللا كامال(گۇما) |
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2016-10-10 0:01:48 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-15 2:38:19 |
سەرۋى |
قالتىس تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەنى يېزىپ چىقىشىڭىزغا تىلەكداشمەن . |
2016-10-12 22:10:20 |
ئابدۇللا كامال |
سىرلىق قەلىب ھەدە، رەھمەت سىزگە، ھەم بارلىق ئوقۇرمەنلىرىمگە كۆپ تەشەككۈر، ئاللاھ خالىسا پاتئارىدا ھھىكايە داۋاملىشىدۇ. |
2016-10-11 6:41:08 |
سىرلىق قەلپ |
قېرىندىشىم ئابدۇللا شېئىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ قەلىمىڭىزگە دەرت كەلمىسۇن سىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىشىڭىزنى ئۇمىت قىلىمەن |
2016-10-10 23:01:59 |
ayxam |
yikayingizning. dawamni. yazmidingizgu |
2016-10-10 11:58:15 |
بۇئامىنە |
بەكلا ياخشى يىزىلىپتۇ ! |
ئىنكاس يېزىڭ