ئۆچ بولدۇم
جۇشقۇن ھۇشۇر
ھەي دۇنيا يالغىنىڭ ئالدىشىڭغا ئۆچ بولدۇم،
ئويۇن كەبى مېھىرسىز مۇھەببەتكە ئۆچ بولدۇم.
سۆيەركەنمەن مەن ئۇنى ئۇ سۆيەركەن باشقىنى،
شۇ ۋاپاسىز ئالدامچى ئىنسانلارغا ئۆچ بولدۇم.
يېقىنلىرىم كېتەركەن تاشلاپ مېنى يىراققا،
مەن سۆيگۈنۈم پەرۋاسىز تاشلار مېنى پىراققا.
پەرۋانىمۇ توختىماي تەلپىنىدىغۇ چىراققا،
مەنمۇ شۇنچە تەلپۈنسەم تاشلىغانغا ئۆچ بولدۇم.
كۈلۈپ يۈرسەم ھەممىسى خۇشالكەن دېدى،
ھەمما يۈرەك ئىچىدىن تۈگەشكەن ئىدى.
پاك مۇھەببەت،چىن ساداقەتلەر قېنى؟
چىدالمىدىم مەن پەقەت ياشاشلارغا ئۆچ بولدۇم.
يەلكەمنى باسىدۇ يۈرەكتىكى ئاچچىق غېمىم،
ھەر كېچە ھەر تۈندە ئويلاپ قاتىدۇ بېشىم.
ئۈنتۈنسىز تۆكۈلەر كۆزلۈرۈمدىن يېشىم ،
ئىككى كۆزۈم ياش تۆككەن ئەرزىمەسكە ئۆچ بولدۇم.
2016.3.5k
203 قېتىم كۆرۈلدى | juxkun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-5-17 8:16:43 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|