ئۆزەمدىن كەتكەن - ئېزىز تۇرسۇن خەنجەرى

  ئۆزەمدىن كەتكەن

ئېزىز تۇرسۇن خەنجەرى
   (  ناخشا تىكىستى  )

دەرت تۆكمەيمەن،تۆكسەممۇ كىم ھالىمغا يەتكەن؟
بۇيۈرۈگۈم كۆپ دەرت تاتىپ قېتىپمۇ كەتكەن،
يۇقاتقاچقا شۇ يارىمنى-ئىگەم ئەۋەتكەن،
ئۈزەمدىن كەتكەن دىدىمغۇ،ئۈزەمدىن كەتكەن.

ياندا بارنىڭ قەدرى يوقكەن،يۈتكەندە بىلدىم،
ئايرىلىشنىڭ ئازابىدا يۈرەكنى تىلدىم،
كىچە-كۈندۈز ئاھلار يۈتۈپ ئاخىر يىقىلدىم،
ئۈزەمدىن كەتكەن دىدىمغۇ ئۈزەمدىن كەتكەن.

ئۆتكەن كۈنلەر ئۈتۈپ كەتتى،قايتىلانمايدۇ،
ئاشىقلارنى ئاشىقتىن باشقىلار بىلمەيدۇ،
مىڭدىن بىرنى دەپ بەرسەممۇ خەق چۈشەنمەيدۇ،
ئۈزەمدىن كەتكەن دىدىمغۇ،ئۈزەمدىن كەتكەن.

ئەمدى بەخت تىلىمەكتىن باشقا ئامال يوق،
شامغا ئىشقىڭ بولسا مەشئەل بىرەلمەيدۇ زوق،
تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە مەندە يوق ھوقوق،
ئۈزەمدىن كەتكەن دىدىمغۇ ئۈزەمدىن كەتكەن...

     2007-يىل 20-ئاۋغۇسىت
       ئاقسۇ
     





54 قېتىم كۆرۈلدى margimux ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-26 13:42:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ