مېيىپ دەپ
مەمەتجان سەمەت
كۆزىڭىزگە ئىلماي ئۇنداق بىزلەرنى،
زاڭلىق قىلىپ كۈلۈپ ماڭماڭ مېيىپ دەپ.
بولساقمۇ گەر تەن جەھەتتە بىز مېيىپ،
روھىمىز ساق ئويلاپ قالماڭ مېيىپ دەپ.
يوق بولسىمۇ پۇت ۋە ياكى قولىمىز،
ئەل ۋەتەنگە يەنە ھەسسە قوشىمىز.
ھامان بىر كۈن باش كۆتۈرۈپ قوپىمىز،
يولىمىزغا ئورەك قازماڭ مېيىپ دەپ.
قىينالساقمۇ چىداپ باتۇر ياشىدۇق،
كوچىلاردا تىلەپ ئوڭدا ياتمىدۇق.
نان بىرىڭ دەپ مەلىڭىزگە بارمىدۇق،
ئېشىمىزغا توپا چاچماڭ مېيىپ دەپ.
كۆرۈنسەكمۇ غەيرى بولۇپ كۆزلىرگە،
دىمىدىققۇ بىر ئېغىز گەپ ئۆزلىرگە.
چىشىمىزغا تولا تېگىپ ئۆزىچە،
ئارقىمىزدىن گەپلەر تاپماڭ مېيىپ دەپ.
ھالىمىز بار ھال تاتقىدەك بىزنىڭمۇ،
بىزمۇ سىزدەك ئېسىل زادە ئىنسانغۇ.
ئاخىرى تەڭ ئۆلۈپ گۆرگە كىرمىزغۇ،
ھەددىڭىزدىن تولا ئاشماڭ مېيىپ دەپ.
ئاپتورى : مەمەتجان سەمەت
ئۈندىدار : چ چ . 308381500
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز قىلماڭ
396 قېتىم كۆرۈلدى | مەمەتجان سەمەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-18 3:01:03 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-4-17 0:34:18 | قەدىريە |
شائىرلىرىمىنىڭ قۇللىرىغا دەت بەرمىسۇن شۇ قۇللاردىكى قەللەملەر توختاپ قالماسلىقىنى ،ئۇمۇرنىڭ ئۇزۇن بۇلۇشىنى،ھەممە ئىشلىرنىڭئاسانلىق بېرىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۇمۇت قىلىمەن |
2017-2-19 18:34:52 | پەرىشتە |
🌺🌺🌺🌺🌺🌺🌺🌺🌹🌹🌹🌹🌹🌹🌹🌹🌹بەك ياخشى يىزىلىپتۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|