خاتىرجەملىك ماڭا كېرىكى - ئابدۇمجىت ئىمام غۇلجا

خاتىرجەملىك ماڭا كېرىكى

 

ئابدۇمجىت ئىمام غۇلجا

 

مەيلى پۇلدار بولالمىساممۇ،

خاتىرجەملىك ماڭا كېرىكى،

شەھەركېزىپ يۈرەلمىسەممۇ،

خاتىرجەملىك ماڭا كېرىكى.

پۇلى كۆپنىڭ ئويى كۆپ دەيدۇ،

ئوي ئىچىدە غېمى كۆپ دەيدۇ،

دۈشمىنىمۇ خېلى كۆپ دەيدۇ،

خاتىرجەملىك ماڭا كېرىكى.

شۇدۇرمېنىڭ كاتتا بايلىقىم،

مەڭىزلەردە قىزارسا قېنىم،

تەشۋىشلەردە ئۆتمىسە كۈنىم،

خاتىرجەملىك ماڭا كېرىكى.

تۇرمۇش ئۈچۈن پۇلمۇ مۇھىم راس،

لىكىن بەخت بايلىقتا بولماس،

ئاپقۇرۇمدا ئاش بولسمۇ ئاز،

خاتىرجەملىك ماڭا كېرىكى.

يۈتتۈرمەيمەن شوخ كۈلكەمنىمۇ ،

يىقىنلىرىم ئازار بەرسمۇ،

تالاشقۇدەك دۇنيا ئەمەس بۇ،

خاتىرجەملىك ماڭا كېرىكى.

 

2016/7/31





159 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇمجىت ئىمام ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-8-3 14:55:11  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ