يالغۇز قالدىم

يالغۇز قالدىم

 

جۇشقۇن ھوشۇر

 

دۈشمىنىم قارايدۇ ئ‍الايتىپ كۆز،

 يالاقچى تاپىدۇ كەينىمدىن سۆز.

 بۇدۇنيا ھەجەپمۇ رەھىمسىز ئ‍ىكەن،

 بارلىقىم دېگەنلەر ئ‍ۆرۈيدۇ يۈز.

 

 يەلكەمنى باسىدۇ ئېغىر دەت ئازاپ،

 كۆز يېشىم ئاقىدۇ دولقۇنلار ياساپ.

 چىدىدىم چىدايمەن ئاخىرغىچە مەن،

 پەرۋا قىلماي بۇلارغا ئىنساندەك ياشاپ.

 

 ھەممىسى يۈز ئۆرۈپ كەتكەندەك ماڭا،

يالغۇزلۇق توختىماي قىينىدى تازا.

كىم بىلىدۇ دۇشمىنىم كولىسا ئورا،

 دوسلىرىم خەنجەرنى راسلايدۇ ماڭا.

 

 2016-يىلى1- ئاينىڭ27-كۈنى





192 قېتىم كۆرۈلدى James10 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-30 12:30:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-2-6 1:10:22 ��⁉ئ‍ەسىلمە💟
بۇ شېىئرى خوددى ماڭىلا ئ‍اتاپ يىزىلغاندەككەن، رەھمەت!
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ