ئەسىر قىلدى تەگسىز خىياللار

 

ئەسىر قىلدى تەگسىز خىياللار

 

 شۇنچە خىلۋەت تۈن قاراڭغۇسى ،

 ھەمراھ بولدى يۈرەك يارامغا .

 نىدالىرىم غەليان كۆتۈرگەچ ،

 تەسىر قىلدى ئۇيقۇ ئارامغا .

 

ـكۆزلەرىمدە لەختە قان ياشلار ،

 ئەسىر قىلدى تەگسىز خىياللار .

 ئاھ ئۇردۇردى زېدە يۈرەكنى ،

 يېتەلمىگەن ئاشۇ ۋىساللار .

 

 چاقماق چاقسا ئۇپۇق باغرىدا ،

 بۇلۇتلارغا بولارمۇ تەڭداش ؟

 تەشنا بولغان ۋىساللىرىڭغا ،

 يېتەر قاچان چاڭقىغان بەڭباش !

 

ئۆتتى كۈنلەر بىر جام مەي بىلەن ،

 شوخ يىگىتنى قىلىپ نىمكەيىپ.

 خالىــــــمىساڭ مەيلــى جانـــــانىم ،

 مەي ئىچىشقۇ ئەمەس بىر ئەيىپ .

 

 ھەتتەم كەتتىم بۈگۈن يېنىڭدىن ،

 بەخىت تىلەپ بۇ چىن يۈرەكتىن .

《ئۆركەش》 قەدرى يەتكەندە بىر كۈن،

 قايتىپ كەلمەس ھەرگىز تىلەكتىن .

 

 نۇرئېلى ئابابەكرى ، ئۆركەش

 2015-يىل 18-ئىيۇل 02:56am





157 قېتىم كۆرۈلدى نۇرئېلى ئابابەكرى ـ ئۆركەش ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-18 9:53:35  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-24 9:20:48 Awaay
Nahayiti yahxi yeziliptu 
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ