ۋىسالسز سۆيگۈ (شېئىر) - ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجا

ۋىسالسز سۆيگۈ (شېئىر) 

 ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجا


بەرگەن گۈلۈڭ دوستلۇق ئىكەن ئەسلىدە،

ئۆز كۆڭلۈمدە سۆيگۈ گۈلى دەپتىمەن.

شوخ تەبەسسۇم قىلساڭ ئوتلوق ناز بىلەن،

ياخشى كۆرۈپ قالدىمىكى دەپتىمەن.


 بەربات بولدى شېرىن خىيال شېرىن ھىس،

 سۇ يۈزىدە غايىپ بولغان كۈپۈكتەك.

 تۇيۇلدى ھەم باغدا قۇشنىڭ سايرىشى،

خۇددى مىنى مازاق قىلىپ كۈلگەندەك.


 تەن بەرمەيمۇ ئامال يوقكەن كۆڭۈلنى،

ئورنى يوقكەن مەيلى يوققا تېڭىشقا.

پەقەت دوستلۇق ئۈچۈن سوققان يۈرەكنىڭ،

قوينى يوقكەن سۆيگۈ ئۈچۈن ئېچىشقا.


باشقىچىكەن دوستلۇقنىڭمۇ كۆيۈمى،

 ھەرخىل گۈلنىڭ ھەرخىل ھىدى بولغاندەك.

بىر ياخشى دوسىت بىربەخىتكە مىسالكەن ،

 ئامەت قۇشى كېلىپ باشقا قونغاندەك.


     





85 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجا ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-11 20:18:33  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ