نورۇز - رەخمىدىن قاسىم

نورۇز


ئاپتورى: رەخمىدىن قاسىم


ئىللىقلىقا تولدى يەر جاھان،
باش باھارنى ئ‍ىپ كەلگەن نورۇز.
ئ‍ەل يۇرتنى يىغىپ بىر يەرگە،
خوشاللىققا سىپ كەلگەن  نورۇز.

قەددى قامەت بوۋايلارنى شوق_
ئۇسۇللارغا چۈشۈردى نورۇز.
سالاملىتىپ ئازارلاشقانى،
ئاداۋەتنى ئۆچۈردى نورۇز.

 سەھرالاردا چوقان كۆتۈرۈپ،
ئ‍وغلاقنى تارتقۇزدى نورۇز.
جەم قىلىپ بىر مەھەللە كوينى،
ئېشىنى ئ‍ەلگە يەتكۈزدى نورۇز.

تۇرنىلارنى پەرۋاز ئ‍ەيلىتىپ،
قارلىغاچنى كەلتۈردى نورۇز.
مايسىلارغا تامچە سۇ بېرىپ،
ئ‍ىچىلدۇرپ كۈلدۈردى نورۇز.

ئ‍ۈچەكتى جانۇ- جانۋارغا،
يىڭى ھايات باشلىدى نورۇز.
گۈل چىچەككە تولدۇرۇپ مانا،
باغۇ بوستان ياسىدى نورۇز.

تارىخىتىن تا مەڭگۈلۈك بىزگە،
ئ‍اتا مىراس ئەنئەنە نورۇز.
 ئىچىلىپ راسا  ئ‍وينايلى دوسلار،
بۈگۈن بىزگە تەنتەنە نورۇز.

 

2016-3-19





144 قېتىم كۆرۈلدى رەخمىدىن قاسىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-3-21 13:28:29  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ